باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
مۇتتەھەم باي
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 13:51:37  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:884   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

بىر كۈنى، ئەپەندىم تۇرمۇشتىن قىسىلىپ خۇداغا يالۋۇرۇپتۇ:
- ئەي خۇدا، راستتىنلا كەمبەغەلگە رەھىمىڭ كېلىدىغان بولسا، قېنى ماڭا يۈز تىللا ئاتا قىلغىن، بىر تىللا كەم بولسىمۇ ئالمايمەن.

 ئەپەندىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان باي قوشنىسى ئەپەندىمنى سىنىماق بولۇپ تۈڭلۈكتىن توقسان توققۇز تىللا تاشلاپتۇ. ئەپەندىم تىللانى ساناپ كۆرۈپ:
- خەير، توقسان توققۇزنى بەرگەن خۇدايىم بىرنىمۇ بېرىپ قالار، - دەپ تىللانى ساندۇققا " موكلا " ساپتۇ. باينىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئەپەندىمنىڭ ئىشىكىنى ئۇرۇپتۇ.
- ئەپەندىم، تىللالارنى سىزنى سىنىماق ئۈچۈن مەن تاشلىغانىدىم، گېپىڭىزدە تۇرۇڭ. تىللانى بېرىۋېتىڭ، - دەپتۇ.
- خۇدانىڭ شەپقىتىگە شېرىك بولماقچىمىتىڭ، سېنىڭ تىللايىڭنى كۆرگىنىم يوق، - دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ ئەپەندىم. باي ئەپەندىمنى قازىخانىغا سۆرەپتۇ.
- كونا چاپان بىلەن قازىخانىغا بارمايمەن، - دەپتۇ ئەپەندىم. باي ئەپەندىمگە يېڭى پەرەنجىسىنى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. ئەپەندىم يەنە:
- قازىنىڭ ئالدىغا ياماق بارمايمەن، بارغۇڭ كەلسە، ئۆزۈڭ بار، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. باي ئىلاجسىز قېچىرىنى توقۇپ ئاچىقىپ بېرىپتۇ.
- بىرى كەم يۈز تىللا ئالغىنىڭىز راستمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ قازى ئەپەندىمدىن.
- تۆھمەت! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم، - بۇنداق مۇتتەھەم باينى ئۆمرۈمدە بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم، قويۇپ بەرسىڭىز ئۈستۈمدىكى چاپان بىلەن ئاستىمدىكى قېچىرىنىمۇ مېنىڭ دېيىشتىن يانمايدۇ. باي پەرياد كۆتۈرۈپتۇ ۋە پەرىجە بىلەن قېچىرىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دەۋا قىپتۇ. قازى بولسا بۇ مۇتتەھەملىكتىن رەنجىپ، تىللانى ئەپەندىمگە بۇيرۇپتۇ.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ