ئەپەندىم بىر دۇكاندارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، دۇكاندار چاقىرىپتۇ.
- ئەپەندىم، بىز ھېسابىمىزنى تۈگىتىۋالايلى، سىزدە قالغان ئون تىللانى قاچان بېرىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ دۇكاندار.
توغرا، سىزنىڭ مەندە ئون تىللايىڭىز قالغانىدى، ئەمما يېقىندا سىزگە ئۈچ تىللانى قايتۇرغاندەك ئېسىمدە بار، توغرىمۇ؟
- توغرا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دۇكاندار يادىدا بار - يوقتەك قىياپەتتە.
- خوپ، ئۇنداق بولسا مەن ئەتە بازارغا بارغاندا ئۈچ تىللايىڭىزنى قايتۇراي، دەپتۇ ئەپەندىم.
- بولىدۇ، - دەپتۇ دۇكاندار.
- خوپ، ئۇنداق بولسا ئەتە بازاردىن قايتقاندا يەنە ئۈچ تىللايىڭىزنى قايتۇراي، - دەپتۇ ئەپەندىم يەنە.
- بولىدۇ!
- شۇنداق بولسا، يەنە قانچە تىللايىڭىز قالىدۇ؟ دەپتۇ ئەپەندىم.
- يەنە بىر تىللايىم قالىدۇ! - دەپتۇ دۇكاندار.
- خوپ، ئەمىسە مەن سىزگە ھازىرلا بىر تىللايىڭىزنى بېرىۋېتەي!
- ئەپەندىم يانچۇقىدىن بىر تىللانى چىقىرىپ دۇكاندارغا بېرىپتۇ، ئاندىن،
- ئەمدى ھېسابىمىز تۈگىگەندۇر! - دەپ كېتىپ قاپتۇ.