ئەپەندىم پادىشاھقا مەسلىھەتچى بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە پادىشاھ ئەپەندىمدىن سوراپتۇ: - ئەپەندىم، سىزنىڭچە بەگلىككە كىمنى تەيىنلىسەك مۇۋاپىق بولۇر؟ ئەپەندىم ھېچ ئىككىلەنمەستىن: - پالانچىنى تەيىنلىسەك ھەممىدىن مۇۋاپىق بولىدۇ! ئۇ بارسا چوقۇم خەلق ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم. - توغرا ئېيتتىڭىز، بىراق ئۇ سىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىڭىز تۇرسا؟ نېمىشقا ئۇنى كۆرسىتىسىز؟ - دەپتۇ پادىشاھ ئەجەبلىنىپ. - تەقسىر، ئۇنىڭ سەۋەبى ئىككى. بىرىنچى، سىز مەندىن كىمنى تەيىنلىسەك بولىدۇ دەپ سورىدىڭىز، كىم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ياقىدۇ دەپ سورىمىدىڭىز؛ ئىككىنچى، ئۇ كىشى بۇ يەردىن كەتسە مەندىن يىراق تۇرىدىكەن. بۇنداق بولسا مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم. |