بىر تۈپ ئالما دەرىخى بولۇپ ئۇ دەرەختە 4 مايمۇن ياشايدىكەن ، بىركۈنى ئۇ مايمۇنلار بۇ دەرەختىكى ئالمىنى يەرگە تۆكۈپ بىر دوپ قىلىپ بۈلۈشكىچە كەش بولۇپ قاپتۇ . ئەتىسى ئەتتىگەن بىر مايمۇن كېلىپ تۆتكە بۆلۈپتىكەن بىر ئالما ئېشىپ قاپتۇ ، ئۇنى يەۋېتىپ بىر دۆۋە ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ. ئارقىدىن يەنە بىرسى كېلىپ تۆتكە بۆلۈپتىكەن يەنە بىر ئالما ئېشىپ قاپتۇ ئۇ بىرتال ئېشىپ قالغان ئالمىنى يېگىنىچە ئۆزىگە تەئەللۇق بىر دۆۋە ئالمىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ. ئارقىدىن يەنە بىر مايمۇن كېلىپ بۆلۈپتىكەن يەنە شۇ بىر ئالما ئېشىپ قاپتۇ ئۇمۇ شۇ بىر ئالمىنى يېگىنىچە بىر دۆۋە ئالمىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ. كېيىن تۆتىنچى مايمۇن كېلىپ ئۇمۇ شۇ تۆتكە بۆلۇپتۇكەن يەنە بىر ئالما ئېشىپ قاپتۇ ، ئۇ يەنە بىرتال ئالمىنى يىگەچ ئۆزىگە تەئەللۇق بىر دۆۋە ئالمىنى ئېلىپ مېڭىپتۇ. تورداشلار دەپ بېقىڭلار بۇ دەرەختە نەچچە تال ئالما بار . |