ياقۇپقا ياش ۋاقتىدا ئىككى قىز كۆيۈپ قالغان ئىكەن.توي قىلىدىغان چاغدا قايسىسىنى ئېلىشنى
بىلەلمەي،ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئادىل ،ھەققانى بىر ئۇسۇلىنى يەنى تاماق
ئەتكۈزۈش شەكلى بىلەن سىناپ بېقىش،قايسىنىڭ قولىنىڭ تۇز _ تەمى ياخشى بولسا شۇنىڭ
بىلەن توي قىلىشنى قارارغا كەپتۇ.ئارىسىدا بىرسىنىڭ ئەتكەن لەڭمىنى ،ياقۇپقا بەكلا تېتىپ
كېتىپتۇ.ۋەدە بۇيچە شۇ قىز بىلەن نىكاھ قىپتۇ.خىلى يىللاردىن كىيىن يەنە بىر قىز بىلەن كوچىدا
ئۇچرىشىپ قاپتۇ.ياقۇپنىڭ ئاغزى قىچىشىپ ئۇ قىزغا بىر كۇپلېت شېئىر چاقچاق قىپتۇ:
قېرىپ قالدىم دېسەممەن،
ساقىلىم يوق ئېڭەكتە.
سېنىڭ ئوتۇڭ كۆيمەكتە،
ھازىرغىچە يۈرەكتە.
قىزمۇ بوش كەلمەپتۇ،ئۇلاپلا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب قايتۇرۇپتۇ.
كۆيۈۋاتقان ئاشۇ ئوت،
كۇكۇم ئەمەس مەڭگەندۇر.
ئىككىمىزنى ئايرىغان،
تەقدىر ئەمەس لەڭمەندۇر. |