ياقۇپ بىر قانچە ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ،كەيپى توشقاندا غەيۋەتكە چۈشۈپ قاپتۇ.ئارىدىن بىر قوپۇپ:
- ئاغىنىلەر ،مۇشۇ ھۆكۈمەتمۇ قىزىقكەن،قىسقا يوپكا كىيگەن ئاياللارنى تېرىپ ئەكېلىپ سولىۋەتسە بولىدۇ ،-دەپتۇ.
- مەنچە بولسا،_ دەپتۇ يەنە بىرسى،ئاتمىش سانتا كىيگەنلەرنى ئون بەش يىلدىن يىگىرمە يىلغىچە كېسىپلاۋەتسە.
- بۇ دېگىنىڭمۇ توغرا دەپتۇ ياقۇپ _ قىرىق سانتا كىيگەنلەرنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرىۋەتسە،-شۇ ئارىدا بىرسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مىچىلداپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
-نېمە بولدۇڭ ئاداش،- دەپ سوراپتۇ ياقۇپ
- سىلەر دېگەندەك بولسا،- دەپتۇ ئاغىنىسى چۈشەندۈرۈپ،- بىزنىڭ خوتۇن گەپ - سۆز يوق ئېتىلىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ.