باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
ھۇرۇن ئەپەندىم
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 14:17:06  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:372   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

ئەپەندىم بەك ھۇرۇن ئىكەن، كەچكىچە يوتقاندىن چىقماي ياتىدىكەن. خوتۇنى ئاچچىقى كېلىپ:

- ئەپەندىم، ئورنىڭىزدىن قوپۇپ چىراغنى يېقىۋېتىڭ، كەچكىچە يېتىۋېرەمسىز! - دەپتۇ.

- تېخى قاراڭغۇ چۈشمىدى، نېمە ئالدىرايسەن؟ - دەپتۇ ئەپەندىم. بىردەمدىن كېيىن خوتۇنى يەنە:

 - تالادا يامغۇر يېغىۋاتقان ئوخشايدۇ، چىقىپ قاراپ بېقىڭ! - دەپتۇ.

 - سەل تۇرۇپ مۈشۈك يېنىپ كىرىدۇ، ئۇنىڭ تۈكىنى سىلاپ باقساڭ، يامغۇر ياغقان - ياغمىغانلىقىنى بىلەلەيسەن، - دەپتۇ ئەپەندىم. بۇنى ئاڭلىغان خوتۇنىنىڭ ئىمانى بەش گەز ئۆرلەپتۇ - دە، ۋارقىراپ:

- ئەپەندىم، ئىشىكنى يېپىپ قويۇڭ! - دەپتۇ.

 - مەن سېنىڭ ئىككى بۇيرۇقۇڭنى ئادا قىلدىم. ئەمدى ئۈچىنچى بۇيرۇقنى ئۆزۈڭ ئورۇندا، - دەپتۇ ئەپەندىم.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ