ئەپەندىمنىڭ بىر يېقىن ئاغىنىسى ئەپەندىمنى بىر چاقچاق بىلەن قورقۇتماقچى بوپتۇ. ئاغىنىسى غەلىتە بىر خىل كىيىمنى كىيىپ، بېشىنى ياغلىق بىلەن ئوراپ ئەپەندىمنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ.
- نېمە ئادەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ ئەپەندىم كەينىگە داجىپ.
-مەن شەيتان، - دەپتۇ ئاغىنىسى.
- ئەگەر ئۇنداق بولسا، بىر كارامىتىڭنى كۆرسەت! - دەپتۇ ئەپەندىم.
- نېمە كارامەت كۆرسىتىمەن؟ - دەپتۇ ئاغىنىسى. ئەپەندىم ئۇزۇن بىر ئىسقىرتىپ:
- مۇشۇ بىر ئىسقىرتنىڭ ئۈستىگە تۆت تال تۈگمە قاداپ باق! - دەپتۇ.