بىر كىشى ئەپەندىمنى كەچلىك تاماققا چاقىرىپتۇ. ئۆي ئىگىسى مېھمانلارغا تۈرلۈك تاماقلارنى كەلتۈرۈپتۇ. ھاۋا ئىسسىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى قىزىق تاماقلار بولغاچقا مېھمانلار چىپ - چىپ تەرلەپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا ئۆي ئىگىسى ھەر بىر مېھمانغا بىر پىيالىدىن مۇزدەك سوغۇقلۇق كەلتۈرۈپتۇ. ئۆزىگە بولسا ئەڭ چوڭ چىنىدە كەلتۈرۈپ، ھۇزۇرلىنىپ ئىچكىلى تۇرۇپتۇ، ئاندىن بولسا بىر كېرىلىپ: - پاھ، نېمىدېگەن راھەت، ئۆلگۈدەك راھەتلەندىم - دە! - دەپتۇ. ئەپەندىم بىلەن باشقا مېھمانلار ئالدىدىكى سوغۇقلۇقنى بىر يۇتۇپلا ئىچىۋېتىپ، قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدىن كېيىن، ئەپەندىم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ چىنىدىكى سوغۇقلۇقنى ئېلىپ: - ھۆرمەتلىك تەقسىر، بۇ چىنىدىكى سوغۇقلۇقنى بىز ئىچىپ كۆرەيلى، بىر دەمدىن كېيىن بىزمۇ ئۆلگۈدەك راھەتلىنەيلى! - دەپتۇ. |