باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
قېچىر خالىغان يەرگە
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 14:21:12  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:471   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

ئەپەندىمنىڭ ياۋاش، مۇلايىم ئېشىكى ئۆلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەپەندىم بازارغا بېرىپ قېچىر سېتىۋاپتۇ. بىراق، بۇ تېخى كۆندۈرۈلمىگەن قېچىر بولغاچقا خۇيى بەك يامان ئىكەن. ئەپەندىم قېچىرنى ئوبدان كۆندۈرىمەن دەپ، ئۈستىگە بىر ئارتىلىپتىكەن، قېچىر چىچاڭشىغان پېتى جېنىنىڭ بارىچە چېپىپ، زادى توختىماپتۇ.

 - ھەي ئەپەندىم، قېچىرنى چاپتۇرۇپ نەگە ماڭدىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ يولدا كېتىپ بارغان بىرەيلەن.
- ۋاي ئاغىنە، قېچىر خالىغان يەرگە! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ