ئەپەندىم خۇرجۇنىغا لىق چىنە - قاچا قاچىلاپ، ئۇنى ئېشىكىگە ئارتىپ، ئىسپاھان شەھىرىگە ئاپىرىپ ساتماقچى بوپتۇ. شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە، قاراۋۇللار كېلىپ تەكشۈرۈپتۇ. ئۇلار قولىدىكى تاياقنى خۇرجۇننىڭ ئىچىگە تىقىپ، چىنە - قاچىلارنى ئۇرۇپ تۇرۇپ سوراپتۇ:
- بۇنىڭ ئىچىدىكى نېمە؟ - يەنە بىر قېتىم ئۇرساڭلار ھېچنېمە بولۇپ قالىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم دەرھال.