ئەپەندىمنىڭ بىر ئاغىنىسى بار ئىكەن، ئۇ ئاۋازى كەلمىسىمۇ ناخشا ئېيتىشقا بەك ئامراقكەن، يەنە كېلىپ ئېيتقان مۇقامغا چۈشمەيدىكەن. ئەپەندىم پات - پاتلا ئۇنىڭ ناخشىسىنى تۈزىتىپ تۇرىدىكەن، ئەمما ئۇ زادىلا تۈزىتەلمەيدىكەن. بىر كۈنى، ئۇ قاملاشمىغان ناخشىسىنى غىڭشىپ ئېيتىپ ئەپەندىمنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. ئەپەندىم يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنى توختىتىۋېلىپ: - ئاداش، بۇنىڭدىن كېيىن ناخشا ئېيتمىغىن، - دەپتۇ. - نېمىشقا دېمە، سەن تالادا تۇرۇپ ناخشا ئېيتساڭ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ مېنىڭ يۈزۈم چۈشۈپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم. |