ئەپەندىم قاسساپتىن بىر كىلوگرام گۆشنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىۋاتسا، بىر تار كوچىدىن بىر ئىت ئېتىلىپ چىقىپ، ئەپەندىمنىڭ قولىدىكى گۆشنى ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەپەندىم ئىچىدە: " ئەمدى قانداق قىلارمەن، ئۆيگە بارغاندا خوتۇنغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىمەن" دەپ ئويلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا بىر ئاغىنىسىنىڭمۇ گۆش كۆتۈرۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئاستا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، قولىدىكى گۆشنى كاپلا قىلىپ تارتىۋاپتۇ. - ھەي ئەپەندىم، - دەپ ۋارقىراپتۇ ئاغىنىسى، - چاقچاق قىلما، ئۆيدە ساقلاپ قالغان مېھمان بار! - چاقچاق قىلغىنىم يوق، بۈگۈن ئېلىپ قاچىدىغان كۈن! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم. |