ئەپەندىمنىڭ بىر ئاغىنىسى چايخانىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ ئەپەندىمگە: - دۇنيادا جاۋابى تېپىلمايدىغان نەرسە يوق، - دەپتۇ. - ناتايىن، - دەپتۇ ئەپەندىم بېشىنى چايقاپ، - مەن مانا جاۋابى تېپىلمايدىغان نەرسىگە يولۇققان. - مەن بار يەردە جاۋابى تېپىلمامدىكىن دەپ ئەنسىرىمە، ئېيتە قېنى، توغرا جاۋابنى تېپىپ بېرىمەن، - دەپتۇ ئاغىنىسى قولىنى شىرەگە ئۇرۇپ. - نېمىدېگەن ياخشى، دەپتۇ ئەپەندىم ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاغزىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېقىن ئەكېلىپ، - نېمىشقا ئاۋۇ كۈنى ئاخشىمى دېرىزىدىن ئوغرىلىقچە ئۆيۈمگە كىرىۋالىسەن؟ - دەپتۇ. |