باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
بىر دەقىقە ساقلاڭ
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 14:29:07  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:326   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

يانچۇقىدا بىر تىيىنمۇ قالمىغان بىر مۇرىت مەسچىتنىڭ پەشتىقىنىڭ تۈۋىگە بېرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:

 - ئاھ خۇدا، مىڭ يىل سىزنىڭچە قانچە ئۇزۇن ۋاقىت؟ - دەپتۇ. مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان ئەپەندىم ئۇ گەپنى ئاڭلاپ، خۇدا بولۇۋېلىپ جاۋاب بېرىپتۇ:
- ئەزىز بەندەم، ئۇ پەقەت بىر دەقىقە.
- ئېھ خۇدا، ئىككى مىڭ دىنار سىزچە قانچە بولىدۇ؟ - ئەزىز بەندەم، ئۇ پەقەت بىر دىنار، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم.
- ئۇنداق بولسا، شۇ بىر دىنارنى پېقىردەك قۇل بەندىڭىزگە ئىنئام قىلسىڭىزچۇ!
- خوپ، بىر دەقىقە ساقلاڭ، - دەپتۇ ئەپەندىم.

تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ