باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
قېرىلىقنىڭ ئالامىتى
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 14:31:00  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:441   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
قېرىپ قالغان بىر باي كېسىلىنى كۆرسەتكىلى ئەپەندىمنىڭ قېشىغا كېلىپ:
ئەپەندىم، مەن تۇرسام ئولتۇرالمايمەن، ئولتۇرسام ھاسا بولمىسا قوپالمايمەن، - دەپتۇ.
قېرىغانلىقىڭىزدىن! - دەپتۇ ئەپەندىم.
- پۇت - قولۇم تارتىشىپ، پۈتۈن بەدىنىم زىڭىلداپ ئاغرىيدۇ.
- بۇمۇ قېرىلىقىڭىزدىن! - قانداقلا نەرسە يېسەم سىڭمەيدۇ. قۇلىقىممۇ ئاڭلىمايدۇ، كۆزۈممۇ تورلىشىدۇ.
- بۇنىڭ ھەممىسى قېرىلىقنىڭ ئالامىتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان باينىڭ ئوغىسى قايناپ چىچاڭلاپ كېتىپتۇ:
- ھەي ئەپەندىم، سەن خۇنپەرنىڭ باشقا گېپى يوقمۇ؟
- بۇنداق قايناپ كېتىشمۇ قېرىغانلىقىڭىزنىڭ ئالامىتى! - دەپتۇ ئەپەندىم تېرىكمەستىن.
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ