سىر شۇناسلىق ئېقىمىدىكى بىر كىشى ئەپەندىمنىڭ قېشىغا كېلىپ: - ئەپەندىم، سىز ھەدېسىلا بولمىغۇر ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىكەنسىز، ئۇيالمامسىز؟ - دەپتۇ. - سىزچە مەن ئەخمەق ئادەم بولسام، ئۆزىڭىز قانداق ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ ئەپەندىم. - مەن بولسام بىر سىر شۇناس، ھەر كېچىسى ئاسمانغا چىقىپ، ئاسماندىكى ئەڭ سىرلىق، ئەڭ غەلىتە ئاجايىپ، - غارايىبلاتلارنى كۆزىتىمەن، - دەپتۇ سىز شۇناس مەغرۇرلۇق بىلەن. - ئۇنداق بولسا، ئاسمانغا چىققان ۋاقتىڭىزدا يۈزىڭىزگە يۇمشاق بىر نەرسە تەگكەنلىكىنى سېزەمسىز؟ - دەپ سوراپتۇ ئەپەندىم. - شۇنداق بىر نەرسىنى سەزگەندەك قىلىمەن، - دەپتۇ سىر شۇناس مۈجمەل بىر تەرزدە. - ئاشۇ باشقا نەرسە ئەمەس، دەل مېنىڭ ئېشىكىنىڭ قۇيرۇقى، - دەپتۇ ئەپەندىم. |