ئەپەندىم باشقا بىر شەھەرنىڭ قەبرىستانلىقىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر قەبرە تېشىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭغا: " بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى سۇلتان ئابدۇلمەلىك جاھانغا مەشھۇر بولۇپ، ئۈچ يېشىدا ۋاپات بولدى " دەپ يېزىلغانىكەن. ئەپەندىم ھەيران بولۇپ شەيختىن سوراپتۇ: - ئۈچ يېشىدا ئۆلگەن بۇ كىچىك بالا قانداق قىلىپ جاھانغا مەشھۇر پادىشاھ بولىدۇ؟ - سۇلتان ئابدۇلمەلىك يەتمىش يىل ھايات كەچۈرۈپ، ئۇنىڭدىن پەقەت ئۈچ يىلنىلا خۇشال ئۆتكۈزگەنىكەن. شۇڭا پەقەت شۇنىلا ئۆمۈر ھېسابلاڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلغان، - دەپتۇ شەيخ. ئەپەندىم پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ: - ئۇنداق بولسا، مېنىڭ قەبرە تېشىمغا: " موللا نەسرىدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن توپتوغرا تاۋۇتقا چۈشكەن " دەپ يازسا بولغۇدەك، - دەپتۇ. |