ئەپەندىم قازىلىق قىلىپ تۇرغاندا، ئىككى ئادەم جاڭجاللىشىپ قازىخانىغا كەپتۇ. - قازى ئاكا! - دەپتۇ دەۋاگەر، - بۇ ئادەم يولدا يۈكىنى كۆتۈرەلمەي تۇرغانىكەن، مېنى كۆرۈپ: " يۈكۈمنى يۈدۈپ قويۇڭ " دېدى. مەن: " يۈدۈپ قويسام نېمە بېرىسەن؟ " دېسەم، ئۇ: " ھېچنېمە " دېدى. مەن " بولىدۇ " دەپ يۈكنى يۈدۈپ قويۇپ ۋەدە قىلغان " ھېچنېمە " سېنى سورىسام بەرمەيۋاتىدۇ. ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەنە شۇ ۋەدە قىلغان " ھېچنېمە " سىنى ئۈندۈرۈپ بەرسىڭىز. ئەپەندىم كىگىزنىڭ بىر ئۇچىنى كۆتۈرۈپ سوراپتۇ. - تېگىدە نېمە بار ئىكەن؟ - ھېچنېمە، - دەپتۇ دەۋاگەر. - ئەنە شۇ " ھېچنېمە " نى ئېلىپ كېتىۋېرىڭ! - دەپتۇ ئەپەندىم. |