باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
ئاۋۋال سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىپ كېلەي
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 11:23:44  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:396   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
بىر كۈنى پادىشاھ ئەپەندىمگە:
- ئەپەندىم، سىزنىڭ ئاغزىڭىز بەك تاتلىق، خۇددى ھەسەل سۈركىۋالغاندەك، بىراق، كۆڭلىڭىز ماڭا تازا سادىق ئەمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن، - دەپتۇ.
- ياق پادىشاھىم، سىز توغرا ئېيتمىدىڭىز، مەن سىزگە ئەزەلدىن بەك سادىق، - دەپتۇ ئەپەندىم.
- ئۇنداق بولسا مەن سىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىزنى كۆرۈپ باقاي، مۇشۇ چوڭقۇر كۆلچەكتىن سەكرەپ ئۆتۈپ بېقىڭە! - دەپ تەلەپ قويۇپتۇ پادىشاھ. بۇنى ئاڭلىغان ئەپەندىم ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا مېڭىپتۇ.
- ئەپەندىم، نەگە بارىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
- مەن ئاۋۋال بېلىقچى ئاغىنەمنىڭكىگە بېرىپ سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىپ كېلىپ ئاندىن سەكرەپ ئۆتەي! - دەپتۇ ئەپەندىم.
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ