زالىم پادىشاھ بىر كۈنى ئەپەندىمنى دەرەخكە باغلىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوقيا ئېتىشنى مەشىق قىپتۇ. ئوق ئەپەندىمنىڭ ئىككى يېنىنى، يەلكىسىنى، بېشىنى يالاپ ئۆتۈپ، كۆڭلىكىنى، بۆكىنى ئۆتمىتۆشۈك قىلىۋېتىپتۇ. پادىشاھ ئەپەندىمنىڭ جاسارىتىگە تەن بېرىپ، ئۇنىڭغا يېڭى كۆڭلەك، يېڭى بۆك ھەدىيە قىپتۇ.
- بىر تال يېڭى ئىشتانمۇ بۇيرۇڭ، - دەپتۇ ئەپەندىم. - نېمىشقا؟ - دەپتۇ پادىشاھ، - ئىشتىنىڭىزغا ئوق تەگكىنى يوققۇ؟ - تەگكەن بولسا كېرەك، بۇرۇن بۇنداق ئېغىر ئەمەس ئىدى، - دەپتۇ ئەپەندىم.