تېمۇرلەڭنىڭ ئوردىسىدا سەركەردىلەر پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى توغرىسىدا لاپ ئېتىۋاتقانىكەن، بىر ماختانچاق سەركەردىگە نۆۋەت كەپتۇ:
- ئىستانبۇلدىكى ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، - دەپتۇ
ئۇ: - ئوق خۇددى يامغۇردەك يېغىۋاتاتتى، دۈشمەن بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ قىلىچ ئاستىدا قالدىم، كاللام ئۈزۈلۈپ كېتىپ بوينۇمنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ... پاراڭدا ئەپەندىممۇ بار ئىكەن.
ئۇ: - ھېلىغۇ سىزنىڭ بېشىڭىز بوينىڭىزنىڭ تېرىسىگە ئىلىنىپ قاپتۇ، مېنىڭ بېشىم يەلكەمدىن چۈشۈپ ئۈچ - تۆت قېتىم دومىلاپ كەتكىنىنىمۇ سەزمەي ئۇرۇشىۋەردىم...، دەپتۇ.