باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
كاۋىغا لايىق قازان
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 13:20:44  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:400   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
ئەپەندىم بىر يېزىغا بارغانىكەن، ئۇ يېزىدىكى كىشىلەر ئەپەندىمگە:
- بۇ يىل بىزنىڭ زىرائەتلىرىمىز شۇنداق ئوخشاپ كەتتىكى، ھەر بىر كاۋىمىز بىر ھارۋىغا پاتمايدۇ، - دەپ ماختاشقا باشلاپتۇ. ئەپەندىممۇ بوش كەلمەي:
- بىزنىڭ شەھىرىمىزنىڭ مىسكەرلىرى شۇنداق ئۇستا بولۇپ كەتتىكى، بۇ يىل ئۆيدەك، سارايدەك قازانلارنى ياسىۋەتتى، - دەپتۇ.
- ئەپەندىم، شۇنداقمۇ چوڭ قازان بولامدۇ؟ - دەپ سورىشىپتۇ كىشىلەر.
- ھەي ئەخمەقلەر، ئۇنداق چوڭ قازان بولمىسا، سىلەرنىڭ كاۋاڭلارنى نېمىدە پىشۇرىدۇ. كاۋىغا لايىق قازان - دە ئۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم.
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ