كۆرگەن - بىلگەنلىرى ئۈستىدە ماختىنىشىپ ئولتۇرغان بىر نەچچە كىشى ئۈستىگە ئەپەندىم كېلىپ قاپتۇ- دە، ئۇمۇ ماختىنىشقا باشلاپتۇ: - پاھ، بىز كۆرگەن ئالمۇتايارنىڭ ئالمىسىنى بىر دېمەڭ، لاپ گەپ ئەمەس، ھەر بىرى يەتتە - سەككىز جىڭ چىقىدۇ... ئاڭلاپ ئولتۇرغانلار ھەيران بولۇشۇپتۇ: - ئېغىرلىقى شۇنچىلىك بولسا، يوغانلىقى قانچىلىكتۇ؟ ئەپەندىم جاۋاب بېرەي دەپ تۇرۇشىغا، ئالمۇتايارلىق بىرى كېلىپ قاپتۇ. - يوغانلىقىمۇ چاغلىق، - دەپتۇ ئەپەندىم، - مۇشتۇمدەك چىقىدۇ. ئاڭلىغانلار كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ - دە: - ئېغىرلىقى يەتتە - سەككىز جىڭ كەلسە، ئۆزى مۇشتۇمدەك بولسا، قانداق ئالما ئۇ؟ - دەپتۇ. - ئەگەر بۇ ئالمۇتايارلىق بۇرادەر كېلىپ قالمىغان بولسا، يوغانلىقىمۇ تاۋۇزچىلىق بولاتتى، - دەپتۇ ئەپەندىم. |