ئەپەندىم يەتمىش ياشتىن ھالقىپ قاپتۇ. بىر كۈنى قېرىلىقىغا تەن بەرمەي، ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ - دە، ھويلىدىكى يوغان بىر تاشنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ كۈچەپ بېقىپتۇ. ئەمما بېلى قايرىلىپ، دېمى سىقىلىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەپەندىم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. نۇرغۇن دوست - ئاغىنىلىرى ئەپەندىمنى يوقلاپ كەپتۇ. ئەپەندىم ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ: - كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، مەن ياش چېغىمدىكىگە ئوخشاش تۇرۇپتىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتكىنىم يوق، - دەپتۇ. - نېمىشقا مۇنداق دەيسىز؟ - دەپتۇ دوست - ئاغىنىلىرى. - ئۆيىمىزدىكى ھېلىقى يوغان تاشنى ياش چېغىمدا كۆتۈرۈپ باققان، ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆتۈرەلمىگەن. بىرنەچچە كۈنىنىڭ ئالدىدا، بىر سىناپ باقاي دەپ ئۇرۇنۇپ باقتىم، ئەمما يەنىلا كۆتۈرەلمىدىم. دېمەك، مېنىڭ ماغدۇرۇم ياش چېغىمدىكىگە ئوخشاش تۇرغان گەپ دەڭلار، - دەپتۇ ئەپەندىم. |