ئەپەندىم بالىلار ئارىسىدا ماختىنىشقا باشلاپتۇ: - ياش ۋاقتىمدا قالتىس چەۋەنداز ئىدىم. بىر كۈنى سېلىم بەگنىڭ ھويلىسىغا كىرسەم، بىر توسۇن ئات ھويلىدا قېچىپ يۈرۈپتۇ. ھېچكىم يېنىغا كېلەلمەپتۇ، يا يۈگەن سالدۇرماپتۇ، يا توقۇم. ئاچچىقىم نەدىن كەلدى، يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇلىقىدىن تولغاپ سەكرەپلا مىنىۋالدىم. خۇدايىم بار، ئات ئېلىپ قاچماسمۇ، مەنمۇ يالىدىن مەھكەم تۇتۇپ سالجىدەك چاپلىشىپ ئولتۇردۇم. بىر چاغدا قارىسام، ئىككى تېرەك بويى كېلىدىغان يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قاپتىمەن. ئۈزەڭگىگە تېپىپ تۇرۇپ، تىزگىنىنى بىر تارتىپتىكەنمەن، ئات شىپپىدە توختىدى. بولمىسا ئۆزىنى ياردىن تاشلىۋېتەتتى... بالىلاردىن بىرى سوراپتۇ: - ئەپەندىم، ھازىرلا يۈگەنسىز ياۋىداق ئات دەۋاتاتتىڭىزغۇ؟ - ھوي، ئۇ چاغلاردا سىلەر تېخى تۇغۇلمىغان، - دەپتۇ ئەپەندىم، - يۈگەن - توقۇملۇق ئاتمۇ، ياۋىداق ئاتمۇ نەدىن بىلىسىلەر! |