بىر كۈنى، ئەپەندىم بازاردىكى بىكارچىلارنىڭ پارىڭىغا قېتىلىپ قاپتۇ. ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ئاجايىپ - غارايىپلاردىن پو ئېتىشقا باشلاپتۇ. ئەپەندىممۇ جىم ئولتۇرغۇسى كەلمەي سۆز باشلاپتۇ: - ئاخشام مەنمۇ قالتىس بىر ئىش كۆردۈم. ئېتىزدىن قايتىپ كېلىۋاتسام، جۈمەباينىڭ قوناقلىقىدا سەكسەن بۆرە يۈرۈپتۇ... - قويۇڭ ئەپەندىم، سەكسەن بۆرە دېگەن قوناقلىقنى چەيلەپ تۈگەتمەمدۇ! - دەپتۇ ئولتۇرغانلارنىڭ بىرى. - توختاپ تۇر، سەكسەن بولمىسىمۇ قىرىقچە بار...قىرىق بۆرە بىر بولۇپ... - ھەي، قىرىق بۆرە بىرگە يۈرگەن نەدە بار؟ - ئەزمە ئادەم ئىكەنسىلەر، - دەپتۇ ئەپەندىم، - قىرىققا ئىشەنمىسەڭلار يىگىرمە بۆرىگىغۇ ئىشىنەرسىلەر، قوناقلىقتىكى بۆرە چوقۇم يىگىرمە چىقىدۇ... ئاڭلىغۇچىلار يەنە ئەپەندىمنىڭ گېپىنى بۆلۈپتۇ: - بۆرە دېگەن تاغدا بولماي قوناقلىقتا نېمە ئىش قىلسۇن! - ئىشەنسەڭ ئىشەن، ئىشەنمىسەڭ قوي! - دەپتۇ ئەپەندىم ئاچچىق بىلەن، - ئەيتاۋۇر، قوناقلىقتىن شالدىرلىغان ئاۋاز چىققانىدى، بۆرە بولمىسا ئىتتۇر... |