كىشىلەر ئات بەيگىسى بىلەن ئوغلاق تارتىشىش ئۈستىدە پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئەپەندىممۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بۇ پاراڭغا ئارىلىشىپتۇ. - بىر كۈنى، - دەپتۇ ئەپەندىم خۇددى راستتىكىدەك، - پادىشاھنىڭ غوجىدارى: " قېنى، قايسىڭ چەۋەنداز بولساڭ، سىناپ بېقىش " دەپ بىر ياۋا ئاتنى يېتىلىپ كەلدى. بىر ئۇستا چەۋەنداز ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولۇپ ئاتقا مىنمەكچى بولدى. چەۋەنداز ئاتقا مىنە - مىنمەيلا ئات دوڭغالچاقلاپ، چەۋەندازنى يەرگە ئېتىپ تاشلىدى. يەنە بىر ياش چەۋەنداز تەلەي سىناپ باقماقچى بولۇپ، ئاتقا ئەمدىلا ئارتىلىۋىدى، بۇ ياۋا جانىۋار يەنە دوڭغالچاقلاپ، ئۇنى يەرگە تاشلاپ، چەيلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالدى. كېيىن، ھېچكىم بۇ ئاتقا يېقىن كېلەلمىدى. غوجىدار: " يەنە قايسىڭ سىناپ باقىسەن؟ " دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن سىناپ باقاي! دېدى. مەن مەردانىلىك بىلەن ئاتنىڭ قېشىغا باردىم. يەڭلىرىمنى شىمايلاپ، ، پەشلىرىمنى قايرىپ، لىككىدە ئاتنىڭ ئۈستىگە چىقتىم - دە، مىختەك ئولتۇردۇم. ئات سەكرىسىمۇ، چاپسىمۇ، دوڭغالچاقلىسىمۇ، قىمىرلىماي ئولتۇردۇم... ئەپەندىم سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ھېلىقى غوجىدار كېلىپ قاپتۇ. ئەپەندىم دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپ: - شۇنداق قىلىپ، ھېلىقى ياۋا ئات ئون قەدەم يەرگە بارمايلا مەنمۇ ئاتنىڭ ئۈستىدىن دومىلاپ چۈشتۈم ، - دەپتۇ. |