باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
بەك تەس تېپىشماق
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 11:40:34  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:1235   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
بۇ بىر راس بولغان ئىش. بۇ ھەم تەبىئەتتىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان سىرى، تا ھازىرغىچە ئېچىلمىغان جاھان تېپىشمىقىنىڭ بىرسى . ئۇنداق بولسا گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار مېنىڭ كېچىك ۋاقتىمدا بىر ئاغىنەم بار ئىدى ئىسمى ئەخەت، كىچىك ۋاقتىمىزدا مەھەللىمىزدە 12 - 14 ياشلار چامىسىدىكى بالىلار بەك كۆپ ئىدى، بىر كۈنى بىز 7 - 8 بالا مۈكۈشمەك ئويناپ مەن بىلەن ئەخەت دېگەن ئاغىنەم بىر يېڭى پۈتەي دەپ تۇرغان قۇرۇلۇشنىڭ يەرئاستى ئۆيىگە كىرىپ مۆكۈۋالدۇق، مەن ئەينى ۋاقىتتا بىر بۇلۇڭدا ئىدىم، ئەخەت ئاغىنەم بولسا بىر ئېچىلىپ كەتكەن گۆرلۈكنىڭ يېنىدا ئىدى، مەن ئۇنىڭغا گۆرلۈككە يېقىنلاشماسلىقنى ئېيتقان بولساممۇ ئۇ پەرۋا قىلمىدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئويۇنىمىز ئاخىرلىشىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ ئۆيىمىزگە قايتىشتۇق، شۇ كېچىسى ئەخەت ئاغىنەم بالدۇرلا يېتىپ ئۇخلىغان ئىكەن، ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئىچىدىن تاقاقلىق ئىكەن. ئەتىسى ئەتىگەن سەھەردە سائەت شىنجاڭ ۋاقتى تۆت يېرىملا ئەتىراپىدا ئەخەت ئاغىنەم ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ يېنىدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ، قارىسا ئۆزى يالغۇز ئىچى كىيىم بىلەن تۇرغۇدەك، شۇنداق قارىسا ئوڭ بېلىكى ئىششىپ مېدىرلىتالماپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۆيىگە كېلىپ ئىشىكنى چەكسە ئاپىسى ئىشىكنى ئىچىدىن ئېچىپ ھەيران قېلىپ سەن ئاخشام ئۇخلاپ قالغانتىڭغۇ دەپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قاپتۇ. قېنى تېپىپ بېقىڭلا ئاغىنەم ئۆينىڭ ئىشىكى ئىچىدىن تاقاق ھالەتتە قانداق قېلىپ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ھالدا ئۈرۈمچى دەرياسىغا بېرىپ قالدى؟
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ