باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
سىم-سىم يامغۇرلۇق كېچە
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 13:40:56  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:584   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كوچىلارنى كەزدىم سەرسانە، سىم-سىم يامغۇر ياغار توختىماي. چەكسىز سۆيگۈ سەزدىم ئۆزۈمدە، ئاھ!قانداقمۇ سېنى ئۇنتۇلاي؟... سىم-سىم يامغۇر ياغقان كېچىگە، دەردلىرىمنى تۆكتۈم بىر تالاي. كۈنلۈك تۇتۇپ ئۆتەر كىشىلەر، ھۆل چاچلارغا سىڭگەن ئىللىقلىق. قاچان ساڭا سالدىمكى سايە، يامغۇر بولۇپ قالغىنىم ئېنىق. يامغۇر،يامغۇر،مەن ساڭا پايە، سەن تۈندىكى ئۆكسىگەن تىنىق. دېرىزەڭنى چەككەن تامچىلار، چۈشلىرىڭگە بەرگەندۇ ئازار. بەلكى مېنى كۈتمىدى ھېچكىم، كۈتمىدى ھەم تونۇش چىمەنزار. يامغۇر بولۇپ ياغساڭچۇ دەرھال، شادلىق مەندىن بولماستا بىزار. يۇلتۇزلار يوق قاراڭغۇ ئالەم، سۇس سايىلەر ئۆچكىلى نېكەم. مەھەللەڭگە تەلمۈردۈم تىنماي، سەنسىز قانداق تۆكۈلەر كۈلكەم. كېلەر مېنىڭ بىر چۈش بوۋالغۇم، سەن چۈشۈمدەك كەلسەڭچۇ ئەركەم! يىغلاۋاتقان شائىردەك گويا، يىغلاپ قالدى بۈگۈنكى كېچە. سىم-سىم يامغۇر ماڭا تۇتىيا، سىرلىرىمنى كۆردى قانغۇچە. دېرىزەڭنى ئاچساڭچۇ قىيا، دېرىزەڭگە باقتىم تاڭغۇچە، سىم-سىم يامغۇر ياغقان بۇ كېچە...
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ