باش بەت  |  قىسقا يومۇرلار  |  لەتىپە كۆزنىكى  | تېپىشماقلار |  سۆز ئۇيۇنى ۋە قوشاقلار  |  قىزىقارلىق رەسىملەر  |  كۈلىۋېلىڭ    
 
ياخشىدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-01-16 13:40:56  يازغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:170   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
ھەق سۇزۇم بار كوڭلۇمدە ئېيتالىسام ياخشىدى، شۇ سۆزۇمنى ئۇنچە قىپ تىزالىسام ياخشىدى. بار- يوقىنى ياخشىنىڭ سورىۋەتكەن ئەسكىگە، مىسرالارنى ئوق قىپ ئاتالىسام ياخشىدى. يامان دىدۇق ياخشىنى توقماق سالدۇق بىشىغا، تارتىپ ئۇنىڭ پۇتىنى ،توپا سالدۇق ئىشىغا. رازى بولدۇق شۇ سەۋەپ ئۇنىڭ ئاققان يىشىغا، ئەسكىلەرگە ياخشىلار يولۇقمىسا ياخشىدى. ئۇرۇپ -ئادەت قىنى دەپ، قالدۇق مانا سۇراققا، ؛مەدىنىيەت؛ ئۇگىنىپ چۇشۇپ قالدۇق توزاققا. قالدى ئەجدات مىراسى،بىزدىن بەكمۇ يىراقتا، ئەۋلاتلارغا ھەق گەپنى ئىيتالساق ياخشىدى. بىز ئۇگەندۇق كوپ تىلنى.يىتىشمەك بوپ دەۋىرگە، ئانا تىلنى بەزىلەر كۆمۇپ قۇيۇپ قەۋرىگە. سۇكۇت قىلىپ بۇنى ھەم ئۇدۇم قىلدۇق نەۋرىگە، ئانا تىلىم شۇ سەۋەپ يوقالمىسا ياخشىدى. يىزىپ قويدۇم ئازغىنە كوڭلۇمدىكى سۇزۇمنى، جاھان نىمە بوپ قالدى؟ يوغان ئاچاي كۆزۇمنى. خىزمەت قىلىپ مىللەتكە يورۇق قىلاي يۇزۇمنى، قەلەم تۇتقان قولۇمغا دەرت كەلمىسە ياخشىدى.
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ