بىزنىڭ مەھەللىدە ناھايتى بىر گۈزەل ھەم ئەقىللىق قىز بارئىدى. بىر كۈنى مەھەللىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈچ يىگىت قىزغا تەڭلا توي قىىلش تەلىپىنى قۇيۇپتۇ. بۇ يىگىتلەرمۇ بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك ياخشى ئىكەن. قىز قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي ئۈچ يىگىتنىڭ ئالدىغا بىر قارا داستىخاننى سېلىپ بىر پىيالە سۇنى قۇيۇپ، بىر تال بوستان يۇپۇرمىقى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىپتۇ. بۇ يىگىتلەرنىڭ ئىچىدىن بۇنى بىرسى چۈشۈنۈپ قىزنىڭ دىگىنىدەك ئىش كۆرۈپتۇ. قىز شۇ يىگىتنى تاللاپتۇ. ئۇنداقتا بۇ قىزنىڭ يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا سالغان قارا داستىخان، بىر پىيالە سۇ ۋە بوستان يۇپۇرمىقى نىمىنى ئىپادىلەيدۇ. يىگىت قانداق قىلغان؟ |