باس- باس تور بېكىتىمىزگە بولغان ھەر قانداق پىكىر - تەلەپلىرىڭىزنى قالدۇرۇڭ !   سۆز قالدۇرۇش باش بەت
   پىكىر تېمىسى: تەشەككۈر ---- [2010-09-27 18:48:03] No:449 
مەن ھەر قېتىم تور رادىئۇسىنى ئاچقىنىمدا ئۇزاقتىن ئۇزاق ئاڭلاپ كىتىمەن. چۈنكى بۇ يەردىكى ئەسەرلەر بىر قەدەر سەرخىل بولغاندىن سىرت، يەنە دىكتورلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ماڭا تولىمۇ ياقىدۇ. بۇلۇپمۇ گۈلھەرە سادىرنىڭ ئاۋازى ئادەمگە بەكمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. گۈلھەرە، سىزگە بەخت ۋە ئامەت يار بولسۇن. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.
 
شەرەپ
   پىكىر تېمىسى: باشقۇرغۇچىلارغا ---- [2010-09-21 19:39:53] No:446 
مەن ئەسىرىمنى ئون تۆت كۈن بۇرۇن يوللىغان، تا ھازىرغىچە چىقمىغاچقا قايتا تەھرىرلەپ باقتىم. لېكىن يەنىلا ئوخشاشقۇ؟ ئەسەرلىرىمنىڭ تىزىملىكىگە ئۇ ماۋزۇ چىقىپتۇ، لېكىن ئۇنى چەكسە ئېچىلمايدىكەن.  بۇنىڭدىن كېيىن تور ئەسەرلىرى سەھىپىسىگە ئەسەر يوللىغىلى بولمامدا؟
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-09-23 00:43:02 دە قايتۇرغان جاۋابى
بۇندىن كىيىن تور ئەسەرلىرىگە يوللىماي بىۋاستە مۇنبەرگە يوللاڭ، تور ئەسەرلىرى سەھىپىسىگە ھازىرچە ئەسەر يوللاش توختىتىلدى، لىكىن بۇرۇنقى يوللانغان تىمىلارنى كۆرەلەيسىز، ئىنكاس يازالايسىز.
 
نەپرەت
   پىكىر تېمىسى: باشقۇرغۇچىلارغا ---- [2010-09-20 17:48:51] No:445 
مەن يېقىندا يوللىغان ئەسىرىم «ھېچكىم سېنى سۆيمەيدۇ مەندەك» دېگەن ئەسىرىمنىڭ تېمىسى ئەسەرلىرىمنىڭ ئارىسىغا چىقىپتۇ. لېكىن، ئۇنى ئاچاي دېسەم 您正在搜索的页面可能已经删除、更名或暂时不可用。دېگەن خەت چىقىۋېلىپ ئېچىلمايۋاتىدۇ. تەكشۈرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-09-21 12:21:40 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش نەپرەت! سىز ئەسەرنى يوللاپ بولۇپ قايتا تەھرىرلىسىڭىز تىمىڭىز يەنە تەستىقىخانىغا چۈشۈپ كىتىدۇ. ئۇندىن كىيىن باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ قايتا تەستىقلىشىدىن ئۆتىدۇ. ئامال بار تىما يوللىغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كىيىن تەھرىرلىمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. بۇ ئىشلارمۇ تور بەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈندۇر! توغرا چۈشەنگەيسىز!
 
نەپرەت
   پىكىر تېمىسى: باس باس تور بىكىتىگە ---- [2010-09-19 17:16:42] No:444 
ئۈگۈنڭشىم بەك ئالدىراش بولغاچقا ئەسەر ئەۋەتەلمىدىم كەچۈرۈڭلار ۋاقىت چىقىرىپ چوقوم نادىر ئەسەرلىرىمنى يوللايمەن
 
زۇلئارا
   پىكىر تېمىسى: توربەتكە تەكلىپ ---- [2010-09-08 12:22:53] No:440 

باس-باس تور بېكىتىدىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ كۈرۈلىشى ياخىشى .ئەمما سانى كۆپ ئەمەس .بىز نىڭ تەشنالغىمىزنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ .

بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .باشقا دوستلۇرۇممۇ شۇنداق ئويدا.خەلىقئارا ،رايۇن خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا تورغا چىقىرىپ ،بىزنى خەۋەردار قىلسا ..

مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇ ر تور بېكەتلىرىدىكى يەنە بىر بوشلۇق پەن -تېخنىكا ،

سودا ،مائارىپ تېمىسدىكى ئۇچۇرلار سەھىپىسىنىڭ يوق بۇلىشىدۇر .مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى .ئەمما ماتىريال ئىزدەي دېسەم ئانا تىلدىكى تور ماتىريالى يوق دىيەرلىك . تور بەتلەردە  ناخشا-مۇزىكا ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەۋاتىدۇ .بۇمۇ بىر بوشلۇق .

مۇمكىن بولسا ئويلىشىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .ئاخىرىدا  ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن . 

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-09-13 11:59:10 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش! تولىمۇ ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپسىز، رەھمەت! بىز چوقۇم سىز ئوتتۇرىغا قويغان بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشقا تىرشىمىز. تور بېكىتىمىزنى قوللاپ بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر!
 
سىتۇدىنىت
   پىكىر تېمىسى: ئاۋازلىق ئەسەر ---- [2010-09-07 14:30:45] No:438 
مەن سىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۋازلىق ئەسەرلەرنى ئىشلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن،سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن.
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-09-07 23:17:09 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش، بىز چوقۇم ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە تىرشىمىز.
 
1291744410
   پىكىر تېمىسى: ياردەم قىلساڭلار ---- [2010-09-05 16:39:31] No:437 

ئابدىسالام   ئاكا ئۈتۈنۈپ  قالاي   ماڭابىر  ياردەم قىلسىڭىز ،  ئابدىرېھىمكام بىلەن ئالاقلىشالماي تىت-تىت بۇلۇپ كىتىپ بارىمەن.

ئېغىر كۆرمەي ئابدىرېھىمكامدىن  سۇراپ باققان بولسىڭىز  مەندەك بىر ئەرزىمەس ھەۋەسكارى بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالامدىكىن.

ئەگەر قۇبۇل كۆرسە 15352585115 مۇشۇ نۇمۇرغا خاپا بولماي تىلفۇن قىلغان بولسا. ئابدىرېھىمكامغا كۆرسىتىدىغان ئىجادى

ئىتوتلىرىم بار ئىدى.

ھۆرمەت بىلەن ئابلىمىت ۋە ئابلىتىپ

 
خۇرشىت
   پىكىر تېمىسى: تور بەتكە باھا ---- [2010-08-27 19:07:53] No:435 

 

مەن بۇ تور بەتكە ئەزا بولغىلى ئۇزاق بولمىدى.ئەمما مەن بۇ تور بەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرىدىن بەك رازى بولدۇم.بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ رەڭدار بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
 
315122
   پىكىر تېمىسى: دىلستانغا تەكلىپ ---- [2010-08-26 15:29:54] No:434 

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم`دىلىستاننىڭ زىيارەت قىلغاندىكى ئارقا تامدىكى رەسىم بەك قاملاشماپتۇ `يەنە بىرى فىلىم بېشى چەتئەلنىڭ كىدەك بوپ قاپتۇ `بولسا  مەشرەپنىڭكىدەك مىللىي پۇراق چىقىپ تۇردىغان قىلساڭلار `بۇ مىنىڭ ئۆز كۆز قارشىم ` يەنە بىرسى ناخشا چولپانلىرىنىلا قىلماي زىيارەت باشقا كىشىلىرىمىزنىمۇ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار` بولسا زىيارىتىڭلار ئۆي ئىچىدىلا چەكلەنمەي سىرىتقى كۈرۈنۈشلەرمۇ بولسا `بولسا باس باس نىڭ قۇرغۇچىسىنى بىر زىيارەت قىلىلى `

ھۆرمەت بىلەن :مۇراتجان

بۇ مىنىڭ پەقەتلا شەخسىي پىكرىم `ئويلايدىقىنىم باس باس نىڭ تەرەققىياتى `

 
مۇرات
   پىكىر تېمىسى: ئۈتۈنۈش ---- [2010-08-25 12:29:25] No:433 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باس- باس تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، ياخشىمۇ سىلەر. ماڭا ئابدىرېھىم راخمان ئاكىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش  ئۇسۇلىنى

دەپ بەر گەن بولساڭلار. مۇنداق دىسەم باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار   مەن  مۇشۇ كەسىپكە قەدەم قۇيۇش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن،

ئابدىرېھىمكام دىن سەنئەتكە دائىر سۇرايدىغان سۇئاللىرىم بار ئىدى.  ئېغىر كۆرمەي  ياردەم قىلساڭلار.

 
خۇرشىت
   پىكىر تېمىسى: ھەيرانمەن ---- [2010-08-23 18:39:55] No:432 

ئالدى بىلەن تىنىڭلارنىڭ سالامەت ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق  بۇلۇشىنى تىلەيمەن. مەن بۇ تورغا بىر-قانچە شىئىر يوللاپ،  تورداشلارنىڭ  ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. بىراق  ھازىر شىئىر يوللاي دىسەم يوللىيالمىدىم.

يوللاش ئۇسۇلى بۇرۇنقىغا پەقەت ئوخشىمايدۇ،  شۇڭا  ئەسەر  يوللاش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسەڭلار.

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-08-24 12:46:23 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش خۇرشىت! باس باس تورىنى ياقتۇرۇپ ئەسەر يوللاپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! ئەسەرلەر بۇرۇن تور ئەسەرلىرىگە يوللىناتتىم، مۇنبەرنى ئاچقاندىن بۇيان بارلىق ئەسەرلەر مۇنازىرە مۇنبىرىگە يوللىنىۋاتىدۇ. سىز  /bbs  بۇ ئادىرىسقا كىرىپ ئەسەرلىرىڭىزنى يوللىسىڭىز بولىدۇ.
 
خۇرشىت
   پىكىر تېمىسى: قارامھمان ---- [2010-08-20 22:03:06] No:429 
باسباس تور بېكىتىنى ھەممىمىز قوللايمىز.
 
قارامھمان
   پىكىر تېمىسى: يادەم ---- [2010-08-17 17:16:21] No:426 

مەن باس-باس تورىغا تىزىملاتقان  بىراق بىرەر ھەپتدىن كىيىن  كىرسەم   مەخپى نۇمۇر خاتا دەيدۇ   قانداق قىلسام بولار

قايتا تىزىملىتامدىم

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-08-19 19:49:24 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش! سىز تىزىملىتىپ قايتا كىرەلمىگەن بولسىڭىز مەخپى نۇمۇرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز ، شۇڭا سىز باس باس تورىنىڭ مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقلىشىڭ، ياكى بۇ چ چ نۇمۇر بىلەن ئالاقلىشىڭ.  943093818 
 
سۇئال
   پىكىر تېمىسى: چايىخانا ---- [2010-08-16 23:47:17] No:425 
بۇتورداچايخانا يوقمۇ؟
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-08-19 19:47:18 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش، چايخانىنىمۇ ئاچىمىز ، سەۋىر قىلىڭ.
 
灰狼
   پىكىر تېمىسى: باس - باس تور بېكىتىگە كىچىككىنە تەكلىپ ---- [2010-08-16 03:13:08] No:424 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئالدى سىلەرنىڭ تورداشلار ئۈچۈن مول مەزمۇنلۇق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر !

سىلەرنىڭ تور بېتىڭلارنىڭ <باس - باس ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى>نى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، لېكىن بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ سىلەرگە كىچىككىنە بىر تەكلىپ بېرىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم .

<باس - باس ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى>دىكى بەزى شىركەتكە خادىم قوبۇل قىلىمىز ، كاتىپ قوبۇل قىلىمىز ، سەنئەت ئۆمىكىگە ئارتىس قوبۇل قىلىمىز دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالدىم . ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى ، بۇ ئۇچۇر يازغان شىركەتنىڭ ئىسمى ، ئادىرسى ۋە ياكى باشقا ئۇچۇرلىرى يوق ئىكەن . مېنىڭچە بولغاندا بۇنداق ئۇچۇرلاردا ھېچ بولمىغاندا شىركەتنىڭ ئىسمى بولىشى كېرەك .

 بولسا مۇشۇ ئۇچۇرنى تەستىقىغاندا ، ئۇچۇرنى يولىغاندا ئەسكەرتىش بېرىپ بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلاردا خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ئىسمى ، ئادىرسى بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇتۇش  ئارقىلىق  بىر قىسىم ئادەم ئالدايدىغان كىشلەرنىڭ بۇ تور سەھنىسىدىن پايدىلنىپ ئالدامچىلىق مەقسىتىگە يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالساڭلار .

ئەگەر پىكىرىم ئورۇنسىز ياكى ئارتۇق بولۇپ كەتكەن بولسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !

ئاخىردا تور بېكىتىڭلارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ! 

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-08-16 12:27:13 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش! بەكمۇ ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپسىز، رەھمەت! سىز دېگەندەك ئالدامچىلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ.  بىز بۇندىن كىيىن سىز ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ تورداشلارنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. رەھمەت! باس باس تور بېكىتى يەنىلا تورداشلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
 
ھۆرمەت
   پىكىر تېمىسى: بىلەلمىدىم ---- [2010-08-12 18:29:08] No:423 
مەن بۇ تورغا بىرقانچە ئەسەر يوللىغان لىكىن ھېچقايسىسى  تەستىقلانماپتۇ، مەزمۇنىمۇ شۇنداق ساغلام ئەسەرلەر ئىدى بولمىسا  . نىمىشقا شۇنداق بۇلۇپ قالىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز؟
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-08-13 13:48:20 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش ! باس باس تورىغا ئەسەر يوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! سىز يوللىغان ئەسەرلەر بەلكىم مۇۋاپپىقىيەتلىك يوللانماي قالغان بولۇشى مۈمكىن، ياكى بولمىسا باشقا تۈرگە يوللاپ قويغان بولىشىڭىزمۇ مۈمكىن. بۇندىن كىيىن ئەسەر يوللىغان باس باس مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ ئادېرسىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ: /bbs
 
قاتېل 8284
   پىكىر تېمىسى: باس باس تورى ---- [2010-08-12 04:15:50] No:422 
ئەسساللاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشمۇ  سىلەر   مەن سىلەرنڭ تىنڭلارنىڭ سالامەت خىزمىتىڭلارنڭ ئوڭۇشلۇق بولشىنى چىن قەلبىمدىن  تىلەيمەن   باس باس تورىنى قۇرغۇچىلارغا  :سىلەرنىڭ تىخمۇ  تىرشىپ  ياخشى  نەتجىلەرنى قولغا كەلتۇرشىڭلارنى  تىلەيمەن ! باس  باس  تورى  ئۆزىمىزنىڭ  تورى .....!
 
شوخ بالا0222
   پىكىر تېمىسى: باس باس مۇنبىردىكى تورباشقۇر غۇچىلارغا تەكلىپ ---- [2010-08-11 23:59:41] No:421 
  باس باس مۇنبىردىكى تور باشقۇرغۇچىلارغا تەكلىپ:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توربەت باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر !
مەن بۇتور بەتكە تېخى يېڭىدىن ئەزا بولغان ئەسلى مېنىڭ تېخى تەكلىپ بېرىشكە سالاھىتىم توشمايتى ،شۇنداق بولسىمۇ بىرتەكلىپ بېرىپ قوياي  توغرا دەپ قارساڭلار تەكلىپىمنى ئويلۇشۇپ كۆرەرسىلەر .
بىزنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر ئىچىدە يېڭى كەشپىيات ۋە يېڭى پەن تېخنىكا بىلىملىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇردىغان سەھىپە يوقتا يەرلىك ئىكەن ( بولۇپ قالسا خەۋەرقىلىپ قويۇڭلار ) .ئەگەر مۇشۇنداق سەھىپىلەر بولغان بوسا ،بىزنىڭ بولغۇسى كەشپىياتچىلارنىڭ ۋە ئۆسۈپ يېتىلۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇلادىن ئىلھاملىنىپ (مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) مىللىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئازراق تۆھپە قوشسا ئەجەپ ئەمەس . سىلەرنىڭ ئەجرىڭلارنى اللە ئۆزى بېرە.   مۇشۇ پىكرىمنى ئويلۇشۇپ كۆرسەڭلار .  تەكلىپىمنى جاۋاپسىز قويمىغايسىلەر .
[/quote]
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-08-12 18:27:15 دە قايتۇرغان جاۋابى

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تورداش! بەكمۇ ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، رەھمەت!

يېڭى كەشپىيات ۋە يېڭى پەن تېخنىكا  تونۇشتۇرۇلدىغان سەھىپە باس باس مۇنازىرە مۇنبىرىدە بار.

باس باس مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ مۇنبەر تۈرلىرى قاتارىدا  پەن-تېخنىكا دەپ بىر تۈر بار ، شۇ تۈردە تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش، كومپىيۇتېر ۋە تور، تەبىئەت، يانفۇن، ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى قاتارلىق تۈرلەر بار . سىز ئويلىغانلىرىڭىزنى مۇشۇ تۈرلەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئالدى بىلەن مۇنبەر تۈرلىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ. كەم قالغان تۈرلەر بولسا، تولۇقلاشقا تېگىشلىك بولسا بىز تولۇقلاشقا تىرشىمىز.

 
يولباشچى
   پىكىر تېمىسى: ئەسەر ۋە ئەسەر ھوقۇقى ھەققىدە ---- [2010-08-11 18:33:31] No:420 
مەن باس-باس تورىغا بىر قسىم ماقالە، شېئىر قاتارلىقلارنى ئەۋەتەي دېگەن. تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالاي دەيمەن. (1) ئەۋەتكەن ئەسەرلىرىمنى يەنە باشقا ئورۇنلارغا ئەۋەتسەم بولامدۇ؟ (2) ھەرقانداق ژانېردىكى ئەسەر بولسا بولىۋېرەمدۇ؟ (3) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرگە قەلەم ھەققى بېرىلەمدۇ؟ (4) يەنە باشقا قانداق تەلەپلەر بار؟
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-08-12 18:18:09 دە قايتۇرغان جاۋابى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش! باس باس تورىغا ئەزا بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

(1) باس باس تورىغا يوللىغان ئەسەرلىرىڭىزنى باشقا يەرگە ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش.

(2)  پەقەت دۆلەت چەكلىگەن ، سىياسىغا خىلاپ، قانۇنسىز دنىي تەشۋىقات ، قۇتراتقۇلۇق قىلدىغان تەشۋىقات شەكلىدىكى مەزمۇنلاردىن سىرىت ھەر قانداق ژانىردىكى ئەسەر بولسا بولىدۇ.

(3) ھازىرغا قەدەر باس باس تورىغا يوللىغان ئەسەرلەرگە قەلەم ھەققى بىرىلىپ كەلمىگەن، باشقا بەتلەردە قانداق ئۇنى بىلمەيمىز.

(4) تورغا ئەسەر يوللىغاندا تورداشلارنىڭ ئوقۇشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، يەنە بىر جەھەتتىن ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىملاغا  ئالاھىدە دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ.

 
dilxikar
   پىكىر تېمىسى: باس باس تورىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرسەڭلار ---- [2010-08-10 18:12:15] No:419 
باس باس تورىنى قۇرغۇچىلارغا بارىكاللا،باس باس تورى ئۇيغۇر تىلىدىكى تورلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تورغا ئايلاندى.تورنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۇش كېرەك،ئۇيغۇر تىلىنى خوشنا ئەللەردىكى قېرىنداش مىللەتلەر چۈشىنەلىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر ئەرەپ يېزىقىنى ئوقۇيالمايدۇ.ئەگەر تور بېتىڭلارنى ئۈچ خىل يېزىقتا كۆرىنىدىغان(ئۆزئارا ئالمىشىدىغان) قىلساڭلار ئىز تورىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ قەدىمى باشلانغان بولاتتى.ئۆرنەك ئۈچۈن ‹تەڭرى تېغى ئۇيغۇر تورى›،‹شىنجاڭ ئاياللىرى تورى›،‹شىنجەڭ پەلسەپە- ئىجتىمائى پەنلەر تورى ›زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تورلاردا ‹ئۇيغۇر›<Уйғйр>كونۇپكىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق ئۈچ خىل يېزىقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن.   ‹تەڭرى تېغى ئۇيغۇر تورى›ئۈچ خىل يېزىقتا كۆرىنىدىغان(ئۆزئارا ئالمىشىدىغان) توربېتى قۇرۇشتا تەرىبىگە ئىگە ئىكەن.يۇقۇرقى تورلارنىڭ  باس باس تورىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تېلەكداشمەن.
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-08-11 17:25:18 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش! بۇ پىكىرىڭىزنى بىز چوقۇم ياخشى ئويلىشىمىز ، تور بېتىمىزگە بەرگەن تەكلىۋىڭىزگە رەھمەت!
 
ۇيغۇرمەن
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ