باس- باس تور بېكىتىمىزگە بولغان ھەر قانداق پىكىر - تەلەپلىرىڭىزنى قالدۇرۇڭ !   سۆز قالدۇرۇش باش بەت
   پىكىر تېمىسى: سوئال سوراش ---- [2010-02-04 17:48:50] No:39 

ھورمەتلىك باشقرغۇچىلار  مەن تورداشلارنىڭ بەرگەن پىكىرلىرنى كۆردىم  ناھايىتى  ياخشى پىكىرنى بىرپتۇ 

مەن باس باس تور بىتىگە ئەزا بولاي دىگەن، قانداق ئەزا بولىمەن  خاپا بولماي بىر ياردەم قىلساڭلار بولامدۇ؟

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-02-04 18:42:06 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش سوبئنور ! سىز باس باس تور بېكىتىنى ئېچىپ تىزىملىتىش دېگەن خەتنى چەكسىڭىز بىز كۆزنەك ئېچىلىدۇ. شۇ كۆزنەكتىن مەشغۇلات قىلىپ مۇناسىۋەتلىك كاتەكچىلەرنى تولدۇرسىڭىز ئەزا بولۇپ كىرەلەيسىز.  ئىملاغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
سوبئنور
   پىكىر تېمىسى: مەسلەت سوراش ---- [2010-02-03 19:23:53] No:37 

مەن ھازىر 18- كىردىم قەشقەر ئشچىلارتەخنىكۇمدا ئوقىيمەن، بۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتقىلى 2-يىل بولۇپ قالدى، مەن بۇ2 يىل جەريانىدا ئۆيگە 3-4 قىتىم باردىم، نىمشقىكى ئۆيگە بارغىم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇلمىسا ئاپا-دادام بەك ياخشى ماڭا بەك كۆينىدۇ،

ھۆرمەتلىك تۇرداشلار ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلا بولامدۇ. يەنە ھازىرمۇ قەشقەردە

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-02-04 11:23:56 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش! ئەسلى بۇ پىكىرىڭىزنى تەستىقلىماي دېگەن ئېدىم.  بۇنداق مەسىللەرنى سىز ئەڭ ياخشىسى ئەتراپىدىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزدىن، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزدىن سوراڭ!
 
ئاشىق مەن
   پىكىر تېمىسى: رەخىمەن ئەيتىش ---- [2010-02-03 14:29:00] No:35 

ھۆرمەتلىك باشقۇرغىچىلار ماڭا بەرگەن جاۋابىڭلارنى كۆردىم، مەن ئاخىرى باس باس توربىتىگە ئەزابولدىم

ماڭا كۆپرەك ياردەم قىلشڭلارنى ئومىت قىلمەن، ماڭا  يەنە  باشقا تورداشلىرىمنىڭ يول-يۇرق بىرشىنى تىلەيمەن

قەدىرلىك تورداشلار مىنڭ يەنە بىر-نەچە سۆزىم بار ئىدى.

ئۇ مىنڭ ئۆزىمنىڭ شەخسى سۆزى ئىدى دىسەم بولامدۇ

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-02-03 15:10:55 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەزا بولۇپ كىرەلىگەن بولسىڭىزلا ياخشى بوپتۇ. بۇندىن كىيىن چۈشەنمىگەن قانداق يەر بولسا خەت قالدۇرسىڭىز ياكى تېلفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ.  قانداق شەخسى سۆزىڭىز بولسا ئىملاغا دىققەت قىلغان ئاساستا يوللىسىڭىز بولىدۇ.  بۇ دەل سىزگە ئوخشاش تورداشلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دەيدىغان سورۇن.
 
ئاشىق مەن
   پىكىر تېمىسى: سوئال سوراش ---- [2010-02-02 18:35:21] No:34 

ھورمەتلىك باشقرغۇچىلار  مەن تورداشلارنىڭ بەرگەن پىكىرلىرنى كۆردىم  ناھايىتى  ياخشى پىكىرنى بىرپتۇ 

مەن باس باس تور بىتىگە ئەزا بولاي دىگەن، قانداق ئەزا بولىمەن  خاپا بولماي بىر ياردەم قىلساڭلار بولامدۇ؟

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-02-02 19:27:55 دە قايتۇرغان جاۋابى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش ئىلھامجان! تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!  سىز ئاۋال باس باس تور بېتىنى ئېچىپ ئەڭ ئۈستىدىكى تىزىملىتىش دېگەن خەتنى باسسىڭىز سىز تولدۇردىغان مۇناسىۋەتلىك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ئاۋال تىزىملىتىدىغان ئىسىمنى ئاندىن مەخپى نۇمۇرنى شۇنداقلا باشقا بوش ئورۇنلارنى مۇۋاپىق تولدۇرسىڭىزلا بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرەلەيسىز. ئەگەر پەقەت ئەزا بولۇپ كىرەلمىسىڭىز ماڭا بىۋاستە تېلفۇن قىلسىڭىز مەن تەپسىلى دەپ بىرىمەن.

18999105493

باس باس تور بېكىتى مەزمۇن باشقۇرۇش ئىشخانىسى

 
ئلھامجان
   پىكىر تېمىسى: ئىلتىماس ---- [2010-02-02 09:51:28] No:33 
ئىدىلنىڭ تورئەسەرلىرى مۇكاپاتلىق مۇسابىقىغا قاتناشماي ،ئۆز ئورنىنى ياش ھەۋەسكەرلەرگە تەقدىم قىلىدۇ ھەم ياشلارېنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنى تىلەيدۇ .
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-02-02 11:12:51 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىدىل ئەپەندى، بۇ تەلىۋىڭىزنى بىز ئورۇندايمىز! ياشلار ۋە ھەۋەسكارلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت!
 
ئىدىل
   پىكىر تېمىسى: ئاۋازلىق ئەسەرلەر سالونىدىكى ئەسەرلىرىڭلارغا كۆپ رەھمەت ---- [2010-01-29 23:09:29] No:32 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
سىزلەرنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلەر سالونىدىكى ئەسەرلىرىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ! ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەر ئىكەن، مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم، بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئۈرۈمچىدە ئوقۇغاندا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمنى ئەسلەتتى، بولسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئەۋەتىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەر قايسىڭلارغا ئەجرىگە مىڭ ھەسسە مېۋە بەرسۇن، ئىسىت، مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇمىغىنىمغا بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم، گەرچە مەن بۇ ئەسەرلەرنى كېچىكىپ ئوقۇغان بولساممۇ مېىنىڭ كىشىلىك ھاياتقا بولغان تونۇشۇم ۋە كەلگۈسۈمگە قاتتىق تەسىر قىلدى، ئۆزۈمنىڭ بىر ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ تۇرۇقلۇقمۇ بىرەر پارچە ياخشىراق ئەسەر يازالىغۇدەك شارائىتنى ئۆزۈمدە يارىتالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، مەن تىرىشىمەن، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنىڭدىن كېيىن بولسىمۇ بۇ ئارزۇيۇم ئۈچۈن تىرىشىمەن، مەن بۇ ئەسەرلەرنى يازغان ئاپتۇرلارغا مىڭ تەشەككۈر ئېيتىمەن، رەھمەت سىلەرگە!!! ئەزىز تېنىڭلار مەڭگۈ ئامان بولسۇن; مەن بىلەن پىكىرلىشىشنى خالىساڭلار ، تېلېفۇن قىلارسىلەر...; 13999620411 خەيىر ئامان بولغايسىلەر...
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-30 00:15:43 دە قايتۇرغان جاۋابى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش ۋىسال ! ئالدى بىلەن سىزنىڭ باس باس تور بېكىتىگە تىزىملىتىپ كىرگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغىنىڭىزغا رەھمەت!

بىز بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاۋازغا ئېلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمىز! پىكىر تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت! سىز بۇ ئەسەرلەرنى ئاڭلاپ بۇنچىلىك تەسىراتقا كەلگەنكەنسىز چوقۇم سىزمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايسىز!

 
ۋىسال
   پىكىر تېمىسى: سوئالىم باتى ---- [2010-01-28 14:31:15] No:26 

ئادەتتىكى ئەزالار نىڭ ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بولمامدۇ؟  رەسىم يوللاش ئۈچۈن چوقۇم تور ئادىرسى بولۇش كېرەكمۇ

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-28 15:03:46 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش زۇبەيدە! سىز باس باس تورىغا تىزىملىتىپ كىرگەنكەنسىز چوقۇم رەسىم يوللىيالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا ساقلاپ قويغان رەسىملەرنىمۇ يوللىيالايسىز. ئەسەر يوللاش بېتىدە ئەسەرنى قانداق يوللاش ئۇسۇلى ئىنىق يېزىلغان، شۇنى بىر ئوقۇپ چىقىڭ. يەنە چۈشەنمىگەن يەر بولسا پىكىر بىرىڭ.
 
زۇبەيدە
   پىكىر تېمىسى: بېكەتنىڭ سۈرىتى بەكلا ئاستا ---- [2010-01-28 03:10:57] No:25 

كۈندۈزدە تور بېكەتنى ئاچماق بەكلا تەس ...

 سۈرىتى بەكلا ئاستا ...  بۇنىڭغا ئامال يوقمۇ ؟

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-28 11:39:03 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىكەتنىڭ سۈرئىتىنى بىز مۇشۇ يېقىندا تىزلىتىمىز. پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت !
 
ئابونت
   پىكىر تېمىسى: ئەسەر توغورلۇق ---- [2010-01-27 15:50:43] No:23 
مەن كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتىنى دىگەن ئەسەرنى كورىۋاتقان ئىدىم.باش بەتتە ئۇ ئەسەرنى تاپالمايمەنغو.قانداق تاپقىلى بولىدۇ.
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-27 19:35:26 دە قايتۇرغان جاۋابى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! سىز بۇ ئەسەرنى تور ئەسەرلىرىگە كىرىپ ئاندىن ئەدەبىي ئەسەرلەر دېگەن خەتنى چەكسىڭىز 27- بېتىدە بار، شۇ يەردىن كۆرۈڭ !

 
ياشلىق0991
   پىكىر تېمىسى: بېكىتىمىزنىڭ گۈللىشى ئۈچۈن تىرىشايلى... ---- [2010-01-24 15:08:54] No:20 

باس-باس تورىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن گەرچە سىلەرنىڭ توربىكىتىڭلا غا ئەزا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ لىكىن ئۈزەمنى تور بىكىتىڭلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسى ھەم قوللىغىچىسى دەپ ھىساپلايمەن(گەرچە بىرەر ئىش قىلىپ بىرەلمىگەن بوساممۇ)

 شۇ ۋەجىدىن ئەزا بولغاندىن ھازىرغىچە سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلارنى ۋە ئەجرىڭلارنى ھىسقىلىپ تۇردۇم ،سىلەر كۆپ جاپا چەكتىڭلار...ئەلۋەتتە مىنىڭ سىلەرگە پىكىر بەرگۈدەك سەۋىيەممۇ يوق.لىكىن بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلغۇم كىلىپ قالدى.(ئۈزىمىزنىڭ تورى ئەمەسمۇ ،سىلەرگە دىمەي كىمگە ...)

1-مۇمكىن بولسا ئەسەرلەر سەھىپىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن ،رەڭدارلاشتۇرغان بولساڭلار...(تورداشلار ئۆز-ئارا پىكىر يوللايدىغان....دىگەندەك بىر سەھىپە قىستۇرۇلسا)

2-تور بەتتىكى بىرقىسىم ئۇزۇنغىچە مەزمۇنى يېڭىلانمايدىغان سەھىپىلەرنى باشقىچە ئۆزگەرتىپ باققان بوساڭلار(ئەلۋەتتە ئەسلى شۇئارىڭلارغا تەسىر يەتمىگەن ئاساستا)

3-توردىكى فىلىم سۈرئىتى ھەققىدە دىمىسەممۇ سىلەرنىڭ ئوڭشاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقىنىڭلار ئېنىق.

4-يوللانغان بىرقىسىم تىمىلارنى ئازدۇر -كۆپتۇر تەھرىرلىگىلى بۇلامدۇ-قانداق؟ ئەلۋەتتە مەن باشلىق تورداشلاردىمۇ تەھرىرلىمەي ئەسەر يوللايدىغان ئەھۋاللا بار مۇمكىن بولسا بىرقىسىملىرىنى تەھرىرلىگەندىن كىيىن(باشقۇرغۇچىلار)ئاندىن ئېلان قىلغان بولساڭلار (مەن تۈنۈگۈن يوللىغان تۈركىيەدىكى مېيىپ پۇتبولچىلار كوماندىسى دىگەن تىمىنى يە مەن ئاشۇنداق يوللاپ قويدۇممۇ ...ئىشقىلىپ يىزىقچە چۈشەندۈرۈشلەرمۇ يوق،سۆرەتلەرمۇ ياخشى كىرىشتۈرۈلمىگەن ھالەتتە ئېلان قىلىنىپتۇ ..تولىمۇ يېرىم بولدۇم...)

5-بىرقىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئاستىغا باشقىلار يىزالمىغان تەغدىردىمۇ سىلەر بولساڭلىمۇ ئازدۇر- كۆپتۇر پىكىر-تەكلىۋىڭلارنى ئەسكەرتىپ قويغان بولساڭلار بەزى جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى بولغان بۇلاتتى...

6-بىرقىسىم خەۋەرلەر مۇشۇ توردا ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا بىز بىلمەي قايتا يوللاپ قالساق ئېلان قىلمىغان بولساڭلار بىز خىجىل بۇلۇپ قالىدىكەنمىز...ھەقىقەتەن  ئەجىر قىلىدىغىنىمىز راست لىكىن بىرلا كۈندە قايتا يوللانسا ....

كەچۈرۈڭلا...تولا سۆزلەپ قالدىم .يىغىپ ئېيتقاندا مەن تور بېكىتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ-ياشنىشىغا تىلەكداشمەن.خوش.

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-24 15:55:09 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش تۈرگۈن! باس باس تورىغا ئەزا بولغانلىقىڭىزغا شۇنداقلا پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ! تولىمۇ ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپسىز. بىز سىز ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپلىرىڭىزنى چوقۇم ئورۇنداشقا تىرشىمىز. سىز ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز ، قوللىرىڭىز تالمىغاي! تور بەتچىلىكنىڭ بۇندىن كىيىنكى بۆيۈك ئىستىقىبالى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!
 
تۈرگۈن
   پىكىر تېمىسى: كىنو توغۇرلۇق ---- [2010-01-23 14:39:40] No:19 

 باس-باس تور بىتىدە ناھايتى ياخشى كىنو بار .لىكن بۇ كىنو كۆپ قىتۋالدىكەن .مۇمكىن بولسا كىنو قىتۋالمايدىغىن بولسا دىيمەن .رەخمەت

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-24 00:08:15 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت! بىزمۇ ھازىر مۇشۇ مەسىلىنى تىزلىكتە ھەل قىلىۋاتىمىز ، باس باس تور بېكىتىدە زىيارەتچىلەرنىڭ سانى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغانلىقى سەۋەپلىك بىز پات يېقىندا مۇلازىمىتىرنى يەنىمۇ بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك مۇلازىمىتىرگە يۆتكىمەكچى، شۇ چاغدا باس باس تورىدىكى بارلىق فىلىملەرنى بارلىق تورداشلار نۇرمال كۆرەلەيدۇ.
 
771
   پىكىر تېمىسى: پىكىر ---- [2010-01-23 06:43:24] No:18 

باس-باس تور بېكىتىدىكى  سۈرەتلىك ناخشىلار تاللانغان ياخشى ناخشىلار كەن . ھە  ..ھېلقى ئېنىۋەر تۇرسۇن  دەيدىغان ئا داشنىڭ  ناخشىلىرىمۇ باركەن ئېڭ ياخشى يىرى مەن بۇ ئېدەشنىڭ ناخشىلىرنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم . بولسا  ئۇنىڭ ھېلقى ((( ئازاب)))..((( ۋىسال))) ..((( ئاشىقمەن))) .دېگەندەك ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرىدىكى كۆپلىگەن ناخشىلارنى كرگۈزۇپ قويشىڭلارنى   ئۈمۈت قىلاتتىم . ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى مەن ئەمەس ھا تتاكى باشقىلارمۇ ياخشى كۆردىغۇ دەيمەن . شۇنداققۇ ھە...!

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-23 11:39:57 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىزنىڭ تور بەتتىكى ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغىنىڭىزغا رەھمەت ، بۇندىن كىيىن ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ باشقا ناخشىلىرىنىمۇ يوللايمىز.
 
چاقپەلەك
   پىكىر تېمىسى: سالام دوستۇم ---- [2010-01-22 20:14:55] No:17 
باس باس تورى مىنىڭچە ھەر قانداق جەھەتتىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تامامەن تۇرالايدۇ.لىكىن توربەت ھەۋەسكارلىرى ئۇچۇنمۇ ئازراق جاپا تارتساڭلار ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرسۇن
يېقىندىن بۇيان توربەت توختاپ بەزى يېڭى ئۇگۇنۇۋاتقان توربەت ھەۋەسكارلىرى ئاقساق ھالغا چۇشۇپ قالدى شۇئۇلارغىمۇ ياردەم قىلغان بولساڭلار asp ئونۋىرسال بەت mtv mp3 خەۋەر ئۇچۇر ئەسەرلەر سەھىپىللىرى سىستىمىسىبىلەن تەمىنلەپ ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى يەنىمۇ ئۇستۇنگە كۇتۇرسەك شۇنداق قىلىش ئۇچۇن سىلەردەك قابىليىتى بارلارغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ
شۇڭىلاشقا مىنىڭ پىكىرىمنى ئويلىشىپ باقساڭلار
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-24 00:10:43 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم! تولىمۇ ياخشى پىكىر بىرىپسىز ، رەھمەت !  بىز بۇ پىكىرىڭىزنى باس باس تورىدىكى تېخنىك يولداشلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تىزدىن سىز دېگەن مەسلىنى ھەل قىلىشقا تىرشىمىز. داۋاملىق تەنقىد- پىكىرلىرىڭىزنى بىرىپ تۇرغايسىز.
 
ئوماق شۇم
   پىكىر تېمىسى: مەسلىھەت ---- [2010-01-22 01:39:12] No:16 
ياشىمۇسىز باشقۇرغۇچى،مەن باس-باس تورىنىڭ دائىملىق مىھمىنى ،سىز دىن بىر ئىشى سوراي دىگەنتىم.ئىتوت لارنى كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ.باشقا كىنو بېتىگە ئۇلىنىپ كېتىدىكەن،قانداق قىلسا كۆرگىلى بولىدىغاندۇ؟
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-22 12:42:05 دە قايتۇرغان جاۋابى
ئەسسالامۇ ئالەيكۇم!  سىز باش بەت ئەڭ ئۈستىدىكى «ئىتوت» دېگەن يەردىن كىرمەي باش بەتتىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەر سالۇنىنىڭ ئاستىدىكى قىسقا فىلىملار دېگەن خەتنى چىكىپ كىرسىڭىز شۇ يەردىن نۇرمال كۆرەلەيسىز.
 
omak xum
   پىكىر تېمىسى: ياردەم قلىڭ ---- [2010-01-19 06:14:13] No:14 

مەن باس باس مۇنبىرىگە يىڭى ئەزا بولدۇم

مەن قانداق قىلىپ بىكىتىڭلارغا تىخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ دەرىجەمنى ئاشۇرالايمەن ؟

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-19 11:25:05 دە قايتۇرغان جاۋابى
باس باس تورىغا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ! بۇنىڭدىن كىيىن يېڭى ئەسەرلىرىڭىز بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ. تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى تور بېكەتكە چۇڭقۇر سىڭىپ كىرگەنلىكىڭىزنى بىلدۈردۇ.  بىز شۇنداقلا باس باستىكى بارلىق تورداشلار سىزنىڭ نادىر ئەسەرلەرنى يوللىشىڭىزغا تەشنامىز.  
 
001
   پىكىر تېمىسى: باس باس قا نىمە بولدى؟ ---- [2010-01-15 23:24:24] No:9 

ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار:

باس باس تورى مىنىڭچە ھەر قانداق جەھەتتىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تامامەن تۇرالايدۇ.لىكىن يېقىندىن بېرى        

باس باس قا نىمە بولدى؟ ئېچىلىشى ((دەھشەت...دەھشەت)) ئاستاغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟بۇ ئەھۋال ئوڭشىلامدۇ؟

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-18 11:19:09 دە قايتۇرغان جاۋابى
ياخشىمۇسىز تورداش چۇماق، سىز يۇقىردا دېگەندەك باس باس تورىنىڭ سۈرئىتى سەل ئاستا ، ھازىر بىز مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىمىز ، پات يېقىندا مۇلازىمىتىرنى يۆتكىمەكچى، شۇڭا تورداشلارنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
 
چۇماق
   پىكىر تېمىسى: كىنو توغۇرلۇق ---- [2010-01-15 16:20:06] No:8 

مەن بۇ باس-باس تور بىتىدە ناھايتى ياخشى كىنو بار .لىكن بۇ كىنو كۆپ قىتۋالدىكەن .مۇمكىن بولسا كىنو قىتۋالمايدىغىن بولسا دىيمەن .رەخمەت

باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-15 18:38:21 دە قايتۇرغان جاۋابى
پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، بىز ھازىر شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىمىز ،تور بېكەتكە كىرىۋاتقان ئابۇنىتلار ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن  مۇلازىمىتىرنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرمەكچى، پات-يېقىندا كىنو ۋە سۈرەتلىك ناخشىلارنى نۇرمال كۆرەلەيسىز. داۋاملىق تەكلىپ بىرىپ تۇرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
گۇزەلنۇر
   پىكىر تېمىسى: باس -باس تورىغا تەلەپ - پىكىر بولسا ئوتتۇرغا قۇيۇڭ ! ---- [2010-01-15 11:01:45] No:4 
ھۆرمەتلىك باس - باس تورى ئابۇنتلىرى تور بېكىتىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپلەپ ياخشى پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆرسەتمە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ! سۆز قالدۇرۇش كۈنۇپكىسىنى بېسىپ ،باس -باس تورىغا تەلەپ - پىكىر بولسا ئوتتۇرغا قۇيۇڭ !
باشقۇرغۇچىنىڭ 2010-01-15 11:06:11 دە قايتۇرغان جاۋابى
قېنى مەرھەممەت ،سۆز قالدۇرۇشنى باشلاڭ !
 
ablet
سانى:258    باش بەت ئالدىنقى بەت كىيىنكى بەت ئاخىرقى بەت بەت: 13/13  
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ