چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>ئۇيغۇر دالاكەش- دىلشات ئابدۇرېشىت
 
ئۈرۈمچىلىك تاغقا چىقىش ھەۋەسكارى دىلشات ئابدۇرېشىت ھەقىقەتەنمۇ بىر «تاغ خۇمار» كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ تاغقا چىقىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇ 1995-يىلىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تاغقا چىقىرش تەنھەرىكەت مەركىزىدە ئىشلەپ كەلگەن. ھازىر ئۇ تاغقا چىقىش تېرنىرى، تاغقا چىقىش يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇ شىنجاڭ تەنتەربىيە ماھارەت مەكتىۋىدە قارغا ئېتشنى مەشىق قىلغان ئىدى.
«مەن تەنھەرىكەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئاتا- بوۋىلىرىمنىڭ ھەممىسى تەنتەربىيە بىلەن شوغۇللىناتتى، شۇڭا كىچىكىمدىلا تەنتەربىيە ساھەسىگە كىرىپ بولغان، ئۆزەممۇ تەنتەربىيەنى بەك ياخشى كۆرىمەن» دىلشاتنىڭ بۇ سۆزىدىن، ئۇنىڭ تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرۈشى ھەرگىزمۇ تاساددىپىيلىق ئەمەسلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق تەبئىي شارائىتلار بولغاچقا، ھەمدە تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرگەچكە، دىلشات تاغقا چىققۇچىلار ئالاقە خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە تاغقا چىقىشتىن ئىبارەت خەتەرلىك ھەرىكەت بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم چەتئەللىك تاغقا چىققۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ئىشلىدى. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن تاغقا چىقىش ماھارىتى، تاكتىكىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئىگىلىدى. بۇ تەجىرىبىلەر ئارقىلىق، ئۇ بىر ئالاقە خادىمىدىن ھەۋەسكارغا، ئاندىن تەدرىجى ھالدا تاغقا چىقىش ماھىرىغا ئايلاندى، شۇنداقلا كېيىنكى تاغقا چىقىش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتتى.
دىلشات 2006-يىلى CMDIغا كىرىپ خەلقئارالاشقان مۇنتىزىم تاغقا يامىشىش ماھارىتىنى سېستىمىلىق ئۆگەندى. بۇ ئارقىلىق ئۇ، تاغقا چىقىشتىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى ۋە تونۇپ يەتتى، ھەمدە دەسلەپكى بىرلا خىل تاغقا يامىشىش ماھارىتىدىن تەدرىجى ھالدا تاغقا چىقىش جەريانىدا تۈرلۈك يېڭى ماھارەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان كەسىپىي تاغقا چىققۇچىغا ئايلاندى.
شۇ يىلى، دىلشات ھەر خىل قارلىق تاغ ۋە مۇز چوققىلارغا يامىشىشنى باشلىۋەتتى. لېكىن 2008-يىلى جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى ئىگىز تاغدىكى ماھارەت كۇرىسىغا تېرىنىر بولۇشتىن ئىلگىرى، يۈجۇ چوققىسىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىن يول تېپىش ئۈچۈن ماڭغاندا يولۇققا ۋەقە دىلشاتنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. دىلشاتنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ قېتىم تاغقا يامىشىپ 5800 مېتىرغا چىققاندا، تۇيۇقسىز قار گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، دىلشات قۇربانلىق قىلىنىشنى كۈتۈپ ياتقان بىر قوزىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ قارنىڭ ئىچىدە توختىماي موللاق ئاتاتتى، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بۇ قار خۇددى بىر غايەت زور كىرئالغۇدەك، دىلشاتنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە توختىماي چۆگىلىتەتتى. گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ھەرگىز ئۈمىدىنى ئۈزىۋەتمەي، قار ئىچىدە توختىماي ھەرىكەت قىلىپ، سەكرەپ دېگۈدەك، قار ئىچىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇندى. لېكىن كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئۆلىدىغان ئوخشايمەن دېگەن تۇيغۇغىمۇ كەلدى. گۈمۈرۈلگەن قارنىڭ ئاۋارە قىلىشى بىلەن، توپ- توغرا 6 سائەت يامىشىپ چىققان ئىگىزلىكتىن 10 سېكونت ئىچىدىلا ئەسلىدىكى تاغ ئىتىكىگە چۈشۈپ قالدى. دىلشاتنىڭ كېيىملىرى يىرتىلىپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىنى سوغۇق قار قالدۇقلىرى قاپلىغان ئىدى. بېلىگىچە قارغا پېتىپ قالغان بىلەن، يۇقارقى بەدىنى يەنىلا قارنىڭ سىرتىدا بولۇپ، يەنىلا ھەرىكەت قىلالايتتى. ئۇ ئاستا مىدىراپ بىرەر يېرىنىڭ يارىلانغان- يارىلانمىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغاندا، پۇتىنى مىدىرلىتالماي قالدى. شۇڭا ئامالسىز سوغۇق دالادا قۇتقۇزۇشنى ساقلاپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدى.
بۇنداق ناچار شارائىتتا يارىلىنىپ قوتقۇزۇشنى ساقلاشنىڭ ئۆزى بىر ئازاپلىق ئىش، دىلشاتقىمۇ ھەم شۇنداق. ئاغرىقنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە بەدەن ھارارىتىنى يوقىتىشقا باشلاپ، پۇت قوللىرى ئۇيۇشتى، سېزىمىنى يوقىتىشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىشكە باشلىدى. ئۇ توختىماي ئۆز- ئۆزىگە «نېمە تېخىچە كەلمەيدىغاندۇ؟» دەپ پىچىرلايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئاشۇنداق ئازاپلىق ھالدا 2 كۈن ساقلىغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەر ئاخىرى ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، تەسلىكتە قاردىن سۆرەپ چىقىپ، يۈجۇ چوققىسى شتابىغا ئېلىپ باردى، ھەمدە ئاپتوموبىل ئاجرىتىپ گولمۇد دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دوختۇر ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ ئىچى تەرىپىدىكى تارىمۇشنىڭ ئېغىر تارتىلىپ كېتىپ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ چاچمىسىمان يارىلانغانلىقىنى بىلدى. شۇ سەۋەبلىك، يېرىم يىل دەپ ئېلىپ داۋالانمىسا بولمايدىغان بولدى. شۈبھىسىزكى، ئاشۇ قېتىمقى ۋەقە ئۇنىڭغا ئۆزىنى قوغداش ۋە ئەمەلىي قۇتقۇزۇش ھەققىدە ياخشى بىر دەرس بولدى. شۇڭا بۇ ۋەقە ئېسىدىن مەڭگۈ كۆتۈرۈلمەيدۇ.
2009-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، ئۇ ھېلىقى يولغا يەنە بىر قېتىم دەسسىدى، ئۇ يۈجۇ چوققىسىغا چىقىشتا، شىمالىي يانباغرىنى يانتۇ كېسىپ چىقىش، جەنۇبىي يانباغىر ئارقىلىق چېكىنىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. بۇ قېتىم ئۇ غەلبە قىلدى، لېكىن مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى يەنىلا ئۇنىڭ نەزىدىن نېرى كەتمىدى. ھازىر ئۇ ھەر يىلى ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن ئوخشىمىغان تاغ چوقىلىرىغا يامىشىپ، يامىشىش جەريانىدىكى ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۆگەنگەن ھەر بىر ماھارەتنى تولۇق ئىشقا سېلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھەر قېتىملىق ئىگىزگە يامىشىش پائالىيىتىدە، تاغقا چىقىشتا كىچىك ئىشقىمۇ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ھەمراھلىرى ۋە دوستلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان بولدى.
 
دىلشات ئابدۇرېشىتنىڭ ئىگىزگە يامىشىش تەرجىمىھالى:
تاش تاغقا يامىشىش:
گۇاڭشى ياڭشۇ، خېنەن گولياڭ، گۈيجۇ زىيۈن، بېيجىڭ بەيگېلاردا تاش تاغقا ياماشقان.
 
تاغقا چىقىشى:
چىڭخەيدىكى گاڭشىكا چوققىسىغا چىقىپ قار تېيىلىغان، نيەنباۋيۈسې چوققىسىغا يېڭى لىنىيە بويىچە چىققان، شىنجاڭ بوغدا چوققىسىغا چىققان، مۇزتاغ چوققىسىغا چىققان؛ چىڭخەيدىكى يۈجۇ چوققىسىغا جەنۇبىي يان باغىردىن يامىشىپ چىققان، شۇاڭچياۋگۇ جىيەنزى چوققىسىغا يېڭى لىنىيە بويىچە چىققان.
 
دىلشات ئابدۇرېشىتنىڭ تەرجىمىھالى:
1991-1994-يىلىغىچە، شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىدە قارغا ئېتىش كەسىپىدە ئوقۇغان.
1995-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ تاغقا چىقىش تەنھەرىكەت مەركىزىدە ئىشلىگەن.
1996-يىلى 8-ئايدا، ياپونيە تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
1997-يىلى 9-ئايدا، شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىماكاننى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىدا ئالاقە خادىمى بولغان.
1998-يىلى 7-ئايدا، ياپونىيە ئاياللار تاغقا چىقىش ئەتىرىتىنىڭ مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
1999-2000-يىلىغىچە شىئەن تەنتەربىيە ئىنىستېتۇتىدا ئوقۇغان.
2001-يىلى 7-ئايدا، ياپونىيە ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى (早稻田大学) تاغقا چىقىش ئەترىتىنىڭ مۇزتاغ چوققىسىغا چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
2002-يىلى شىنجاڭ خەلقئارا تەنتەربىيە ساياھەت كوپراتىپىدا ئەترەت تەشكىللىگەن.
2003-يىلى 7-ئايدا، چېخ ۋە گېرمانىيە بىرلەشمە تاغقا چىقىش ئەترىتى بىلەن تۆمۈر چوققىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغان.
2004-يىلى جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك مەشىقلىرىگە قاتناشقان.
2005-يىلى 8-ئايدا، بوغدادا تاغقا يامىشىش ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن.
2006-يىلى 7-ئايدا، دۆلەت ئىچىدىكى مۇزتاغ چوققىسىغا يامىشىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان.
2006-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تاغقا چىقىش ماھىرلىرى كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن.
2007-يىلى 5-ئايدا، يۈجۇ چوققىسىغا ئەترەت باشلاپ چىققان.
2007-يىلى 8-ئايدا، بوغدا چوققىسى جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تاغقا چىققۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان.
2007-يىلى 11-ئايدا، تۈنجى نۆۋەتلىك قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى كىشىلىك كۈچ ئۇلاش تۈرىدە بىرىنچى بولغان.
2008-يىلى 1-ئايدا، مەملىكەتلىك تاغقا چىقىپ قار تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولغان.
2008-يىلى 6-ئايدا، نيەنباۋيۈسې چوققىسى جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى ئالىي دەرىجىلىك تاغقا چىققۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان.
2008-يىلى 7-ئايدا، گاڭشىكا چوققىسى جۇڭگو تاغقا چىقىش جەمئىيىتى ئالىي دەرىجىلىك تاغقا چىققۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشقان.
2008-يىلى يۈجۇ چوققىسىنىڭ شىمالىي يانباغرىدا قار گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىگە يولۇققان.
2009-يىلى 5-ئايدا، يۈجۇ چوققىسىغا شىمالىي يان باغىردىن چىققان.
2009-يىلى 7-ئايدا، مۇزتاغ چوققىسىغا ئەترەت باشلاپ بارغان.
2009-يىلى 11-ئايدا، تۆت قىز كەنجى سىڭل (四姑娘幺妹) چوققىسىغا يامىشىپ چىققان.
2010-يىلى بوغدانىڭ غول چىققىسى ۋە 3 چوققىغا چىققان.
2010-يىلى 9-ئايدا، سارداۋان چوققىسىغا چىققان.
2011-يىلى 7-ئايدا، مۇزتاغ چوققىسىغا ئەترەت باشلاپ بارغان.
2012-يىلى 1-ئايدا، شۇاڭچياۋگۇدا مۇز چوققىغا يامىشىپ چىققان.
2012-يىلى 2-ئايدا، سىچۈەن خەيزىگۇدا تاغقا يامىشىپ چوققىغا چىقالمىغان.
2012-يىلى 8-ئايدا، بوغدادىكى ئۈچ چوققىسغا يېڭى لىنىيە بىلەن چىققان.
2012-يىلى 8-ئايدا، گۈيجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن تاغ تاغقا يامىشىش يىغىنىغا قاتناشقان.
2012-يىلى 11-ئايدا، تۆتقىز تاغلىق رايونىدا جۇڭگو- فرانسىيە تاغقا يامىشىش ئەترەتلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قاتناشقان.
2013-يىلى 1-ئايدا، شۇۋاڭچياۋگۇ مۇزغا يامىشىش ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۇرسىغا قاتناشقان، ھەمدە ئىككى تاغنىڭ چوققىسىغا يامىشىپ چىققان.
2013-يىلى 2-ئايدا، شۇۋاڭچياۋگۇدا تۈنجى بولۇپ رىيۆباۋ چوققىسىغا چىققان.
 
مۇزغا يامىشىشى:
ئۈرۈمچى، شۇۋاڭچياۋگۇ ۋە بېيجىڭ ئەتراپلىرىدا مۇزغا يامىشىپ چىققان تەجرىبىلىرى كۆپ.
 
::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ