تۇغۇلغان ۋاقتى : 1965-يىلى تۇغۇلغان . پۈتتۈرگەن مەكتىپى : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپى ھازىرقى ۋەزىپىسى : شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەرجىمە – تەھرىر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، مۇدىر دېكتور . «مەملىكەت خەۋەرلىرى –خەلقئارا خەۋەرلەر» ، «ئادەم ۋە تەبىئەت» قاتارلىق پىروگىراممىلارنىڭ دېكتور –رىياسەتچىسى . ياخشى كۆرىدىغان ئەقلىيە سۆزى : كۆپ سۆزلىمە ، زۆرۇر بولغاندا ئاز سۆزلە ، تۈمەن سۆزنىڭ تۈگۈنىنى بىرلا سۆز بىلەن يەش «ئادەم ۋە تەبىئەت» پىروگىراممىسىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ ، ھازىرغىچە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «قۇربان ھېيىت»، «روزى ھېيىت » ، « نۇرۇز» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلگەن . ئوقۇغان پىروگىراممىلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق ئەسەر باھالاشتا 1- ۋە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . 2008- يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك تەشۋىقات – مەدەنىيەت سېىستىمىسىدىكى «تۆت بىر ئىختىساسلىق» خادىم بولۇپ باھالانغان .
|