شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى ئۈمىدغەنى 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاربوز يېزىسىدا مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا قىزىققاچقا ، نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ، مەكتەپ ۋە ئۆز دائىرىسىدە مۇئەييەن ئىنكاسلارنى قوزغىغان . 1991-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى فاكولتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان، 1996-يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-قانىلىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان .
ئۈمىد غەنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ، ئۆزى قىزىققان دائىرىدە قېتىرقىنىپ ئۈگەنگەن ھەم ئىزدەنگەن . شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كەلگەندىن كېيىن ، تېلېۋىزىيە مەخسۇس
پرۇگراممىلىرىنىڭ ھەربىر ئۆتكىلىدە ئەستايىدىل ئىشلەپ ، ئەڭ ئاخىرى رىياسەتچىلىك سەھنىسىگە قەدەم قويغان . ئون نەچچە يىللىق خىزمەت جەريانىدا 80پارچىغا يېقىن ئەسىرى مەملىكەتلىك باھالاشلاردا 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . 2001-يىلى «مەملىكەتلىك 100مۇنەۋۋەر رىياسەتچى »نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان . 2004-يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەتتىن تەركىب تاپقان 40قا يېقىن ئەر رىياسەتچى ئارىسىدىن «ئاپتونوم رايون بويىچە ئون مۇنەۋۋەر رىياسەتچى»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان بىردىنبىر ئەر رىياسەتچى شەرىپىگە ئېرىشكەن.
تالانتلىق رىياسەتچى ئۈمىد غەنى ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك كەسپى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي يەنە، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىشى بويىچە 200پارچىدىن ئارتۇق يېڭى ئۇسلۇبتىكى شېئىر ، ھىكايە ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان . شۇ سەۋەبلىك «شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى »تەرىپىدىن ئاڭلىتىلغان بىر نەچچە ھىكايىسى جەمئىيەتتىكى ئەدەبىيات ئاۋانگارتلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ ، تەشكىللەپ يولغا قويغان «كۆڭۈلدىكى سۆز » پرۇگراممىسىدا سەككىز يىل رىياسەتچىلىك ھەم فىلىم ئىشلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن ، 2009-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تەربىيلەش تۈرى بويىچە بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئېنىستىتوتىدا ئۈن – سىن رېژىسسورلۇقى كەسپى بويىچە ئىككى يىل تەربىيلىنىپ ، يېقىندا قايتىپ كەلدى؛