چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>تەڭرىتاغ بۇلبۇلى — پاشا ئىشان
 
پاشا ئىشان 1940–يىلى ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجا شەھىرىدىكى «ئايخان» مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ تۇغما ناخشا ئېيتىش تالانتى بىلەن ئەينى يىللاردىكى غۇلجىنىڭ سەنئەت مۇھىتىدا تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، مەكتەپ پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا، يەنى 1952–يىلى غۇلجا شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان.

1953-يىلى، يەنى پاشا ئىشان 13 ياشقا كىرگەن يىلى «جۇڭگو پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرى» ۋە چاۋشيەن خەلقىدىن ھال سوراش ئۆمىكى تەركىبىدە، چاۋشيەنگە بېرىپ، «چاۋشيەن قىزى»، «كۆز ئۇيقۇدا» ناملىق ناخشىلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئېيتىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ۋە شۇ يىلى مەرھۇم رەھبىرىمىز سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شىنجاڭ ناخشا–ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. 1955-يىلى، يەنى 15 ياشقا كىرگەن يىلى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ياشلار سەنئەت بايرىمى»غا قاتنىشىپ، «ئازاد زامان»، «ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن» قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 60 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ، كامالەتكە يەتكەن سەنئەت ماھارىتى بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ئىجادىي ناخشىلارنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ناخشىلىرىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان.ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھازىرغىچە 30 غا يېقىن دۆلەت ۋە رايوندا ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، جاھان ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ ئۆز مېھنىتىگە يارىشا خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى، شۇنداقلا «تەڭرىتاغ تۆھپىكارى»، «تەڭرىتاغ بۇلبۇلى» دېگەن شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولدى.

پاشا ئىشان يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆتىگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 7–، 8–كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 4–، 5–، 6–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.
::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ