چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>ناخشىچى-دىلبەر يۇنۇس
 

دىلبەر يۇنۇس 1958- يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ئاددىي خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئاكاردىيۇن چېلىشتىكى ماھىرلىقى ۋە ئاھاڭنىڭ ياخشىلىقى بىلەن 1976- يىلى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان . 1980- يىلى ئۇ مەركىزى مۇزىكا ئىنىستۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ ، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ناخشا- مۇزىكا تەربىيىچىسى چېن شىياڭنىڭ يېتەكلەپ تەربىيىلىشىدە بولغان . دىلبەر يۇنۇس ئۇستازىنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ناخشا تۇرى، مۇزىكا، ئۇسلۇب، چەتئەل تىلى قاتارلىق جەھەتلەردە يەتتە يىل ئەتراپلىق بىلىم ئېگىلىپ ، 1987- يىلى جۇڭگودىكى تۇنجى ناخشىلىق مۇزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 1984- يىلى 8- ئايدا فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مىريام ھايلىن ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان . دىلبەر يۇنۇس فىنلاندىيە دۆلەت ئوپېرا ئۆمىكىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس بولۇپ تۇرغان بەش يىل ئىچىدە، گوللاندىيە،دانىيە، شۋېتسىيە، ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە ، ئىسپانىيە ، نورۋېگىيە شۋېتسارىيە، تۈركىيە ، ئامېرىكا، كانادا، ياپۇنيە ، سىنگاپور قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە 150 مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ، دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.



  دىلبەر يۇنۇس بېيجىڭدا ئوقۇپ ، بېيجىڭدا ئىشلەپ دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇ 1993- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە گېرمانىيىنىڭ بونن دۆلەت تىياتىرخانىسىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىلىقىغا تەكىلىپ قىلىنغان. 1997- يىلى ۋە 1998- يىلى ئۇدا ئىككى يىل دۇنيا بويچە مەشھۇر يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچى بىرىگىت نېلسۇن مۇكاپاتى- شۋېتسىيە ئەڭ ياخشى ئوپېرا ئاتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ فىنلاندىيە دۆلەت ئوپېرا تىياتىرخانسسنىڭ ئۆمۈرلۈك ناخشىچىسى بولۇپ، فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە ئۇنىڭغا « دۆلەت گۆھىرى » دەپ نام بەرگەن.

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ