چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> ئامىرىكا - ياۋرۇپا چولپانلىرى >>چارلىز سىيپىنس چاپلىن
 

دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە كۈلدۈرگە چولپىنى چارلىز سىيپىنس چاپلىن 1889-يلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇنىڭ يەنەبىر ئىسمى بار يەنى___ مودوخان.


چارلىز تۇنجى قېتنم سەھنىگە چىققان ۋاقتىدا ئۇ بەش ياشتا ئىدى.بىراق ئۇنىڭ رەسمىي سەنئەت ھاياتىنى يەنىلا 1913-يىلىدىن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ.ئۇ شۇ يىلى ئامىرېكىغا چىقىپ ئويۇن قويغان،ھەمدە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولغان.1919-يىلىغا كەلگەندە ئۇ شەخسىي فىلىم ئىشلەشكە كىرىشكەن ھەمدە نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇ شۇتەرىقىدە ئۇ 80پارچىدىن ھەجىۋىي فىلىمنى ئىشلىگەن، ئۇ فىلىملەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىققان فىلىم:
1.ئالتۇن تىزىش خاتىرىسى
2.شەھەر ئىچىدە
3.مودا دەۋرى
4.چوڭ ھاكىم
5.دەھشەتلىك دەۋر
6.سەھنە ھاياتلىقىدا



مانا يۇقارقى فىلىملەر چارلىزنى ئاددىي بىر سەنەتكاردىن جەمىيەتتە ئورنى بار سىياسىيونغا ، تەنقىدلىگۈچىگە ئايلانغان،چاپلىن ئۆزىنىڭ يۇقىرى ماھارىتى بىلەن تۆۋەن تەبىقىدىكى ئەمگەكچىلەرگە روھى ئىلھام ۋە تەسەللىي بىغىشلىغان.1952-يىلى ئۇ مىسكاتىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئامىرېكىدىن ھەيدەپ چىقىرلغان ، ئۇشۇنىڭ بىلەن شىۋىتسارىيەدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان.ئۇ شۇمەزگىلدە يەنە بىر فىلىم ___ بىر پادىشاھ نىيۇيۇرۇكتا دىگەن فىلىمنى ئىشلەپ چىققان.1972-يىلىغا كەلگەندە ئۇ قايتىدىن ئامىرېكىغا تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە ھوللۇۋوتتا تۇرغان.ئۇ شۇ ئارلىقتا ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ «20-ئەسىردە كىنو تەرەقىياتى ئۈچۈن ھەددى-ھىسابسىز تۆھپە قوشقان زات»دەپ تەرىپلەنگەن.


مۇكاپاتكىنىش ئەھۋالى:
1.ئىككى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
2.ئەڭ ياخشى ئەر پىرسوناژ ، ئەڭ ياخشى ماسلاشقۇچى ، ئەڭ ياخشى ئىجادىيەتچى، ئەڭ ياخشى سەنەتكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
3.ئەنگىلىيە ئەڭ يۇقىرى كىنو ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.


ئۇنىڭ ۋاپاتى:
1977-يىلى شېۋىتسارىيىدىكى روژىستىۋا بايرىمىدا چاپلىن 88يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن , ھەمدە شۇيەرگە دەپنە قىلىنغان.1978-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر بۇلاڭچى چاپلىننىڭ جەسىتىنى بۇلاپ قاچقان ۋە چاپلىننىڭ ئائىلسىدىكىلەردىن پۇل ئۈندىرۋالماقچى بولغان، بىراق ساقچىلارنىڭ قوغلاپ تۇتىشى بىلەن بۇلاڭچى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلغان، چارلىزنىڭ جەسىتىمۇ ساق-سالامەت تېپىلغان.بۈگۈنكى كۈندە چارلىزنىڭ جەسىتى 12مىتر چۇڭقۇرلىقىدىكى سىمىنۇتنىڭ ئاستىغا دەپنە قىلىنغان.

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ