چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شىنـــجــاڭ چولپانلىرى >>ئادىلجان سۇلايمان
 

   ئادىلجان سۇلايمان 1967-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئاساسلىق بېكى. ھازىر <<بىرىنچى ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى. 1986-يىلى <<1-ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا، 1989- يىلى دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ مەملىكىتىمىز ۋاسكىتبولچىلىق تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىققان ماھىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇداپىئە قىلىش ۋە ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە ماھىر بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن«ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر»دەپ ئاتالغان.
  ئادىلجان كىچىكىدىن ۋاسكىتبولغا قىزىقاتتى. 1979-يىلى ئادىلجان 13ياش ۋاقتىدا دادىسى سۇلايمان ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى بايقاپ، ئۇنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن ئادىلجاننىڭ بويى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن، ئۇ ۋاسكىتبول سىنىپىغا كىرەلمەي ئامالسىز پۇتبول سىنىپىغا كىرىدۇ. 3ئايدىن كېيىنكى بىر ۋاسكىتبول مۇسابىقىدە، ئۇ باشچىلىقىدىكى پۇتبول سىنىپى ۋاسكىتبول سىنىپىنى يېڭىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ۋاسكىتبول ئويناش ھاياتى رەسمىي باشلىنىدۇ.
<<1-ئاۋغۇست>> ۋاسكىتبول كوماندىسى تارىخىدا ئادىلجاننىڭ ئىسمى كوماندا ئەزالىرى ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. 1986-يىلى 3-ئايدا، ئادىلجان <<1-ئاۋغۇست >> ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك ئەزاسى سۈپىتىدە خۇنەننىڭ چاڭشادا مەيدانغا چىققان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئادىلجاننىڭ ۋاسكىتبول ماھارىتى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ نامى ئېغىزدىن -ئېغىزغا تارقالغان. 1.82 مېتىرلىق بۇ ياش ئۇيغۇر يىگىتى بېشىغا قىزىل لېنتا باغلاپ، 5-نومۇرلۇق توپ كىيىمىنى كەيگىنىچە مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئادىلجان <<1-ئاۋغۇست>> كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى، <<1-ئاۋغۇست >> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى. ھازىر ئادىلجاننىڭ بىر ئوغلى ۋە بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلىمەكتە.

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ