چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ئامانگۈل ئېزىز
 
ئامانگۈل ئەزىز 1972- يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى كورلا شەھرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1993- يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولغان . 2006- يىلدىن ھازىرغىچە« كىروران » ژۇرنىلىنىڭ مۇھەرىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ 1987- يىل «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «باھار ئىلھامى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ ھازىرغىچە « ئوت ئىچىدىكى ئايال» قاتارلىق يۈز پارچىدىن ئوشۇق شېئىرى،« بىز مۇھەببەتكە قانداق ئېرىشىمىز»(كروران ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان «ئاياللار ۋە جەمىيەت»مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن)قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن ماقالىلىرى« مەن ئېرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»(14- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) قاتارلىق ھىكايىلىرى«تارىم»«جۇڭگۇ مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»«شىنجاڭ ياشلىرى»«كروران» قاتارلىق يۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»« دۇنيا ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ھېكايە ۋە شېئىر تەرجىمىلىرىنى ئېلان قىلغان.ئۇ ھازىر جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى،بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق پىسخىك مەسلىھەتچىلەر جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك ئىككىنجى دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى.
::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ