1863-يىلى 6-ئاينىڭ خاسىيەتلىك بىر جۈمە كۈنىدە لوپ ناھىيىسىگە قاراشلىق تەۋەككۈل يېزىسىدا ئەخمەت ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇ_ ئەخمەت ئاخۇنۇمنىڭ ئەللىك ياشلارغا كىرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن پەرزەنتى تۇردى ھاجى ئىدى.ئەخمەت ئاخۇنۇم ئۆز زامانىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تېۋىپلاردىن بولۇپ ، ئوغلى تۇردىنى تېۋىپ قىلىپ يېتىشتۈرۈش نىيىتىدە دىنىي ئالىم ، تېۋىپ توختى ئاخۇن ھاجىغا شاگىرت قىلىپ ئاپىرىپ بەرگەن .ئەخمەت ئاخۇنۇم ئوغلى تۇردى توققۇز ياشلارغا كىرگەندە قازا قىلغان. تۇردى ئاخۇن ئۇستازى يېنىدا 1894-يىلىغىچە تۇرۇپ ، تىبابەتچىلىك ئىلمىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگەنگەن . تۇردى ھاجى 40 ياشلارغا كىرگەندە ئۇستازى ھەج قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ ماڭغان . ئۇلار ھەج سەپىرىدە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ،تۇردى ئاخۇننىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ھەر بىر خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنغان. ئۇستازى توختى ئاخۇن سەپەردە بىتاپ بولۇپ قالغاندا ، تۇردى ئاخۇن ھاردىم-تالدىم دېمەي ئۇنى 17 كۈن ھاپاش قىلىپ مېڭىپ، ئۇستازىنى كاراچىدا بىر مەزگىل ئارام ئالدۇرۇپ، ۋاپادارلىق كۆرسىتىپ،ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان . شۇنداقلا شۇ جايدىكى ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ،ئۇلارنى تاڭ قالدۇرغان،ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن ،ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرۇپ،تىۋىپلىق قىلغان.
1900-يىلىنىڭ باشلىرىدا لوپ ناھىيىسنىڭ سامپۇل يېزىسىدىكى بەگ ، ئۆلىمالار تەۋەككۈلغا كېلىپ ، توختاخۇن تېۋىپتىن تۇردى ھاجىنى سوراپ ، سامپۇلغا ئېلىپ چىقىپ ئۆي-ماكانلىق قىلىپ سامپۇلدا تۇرغۇزغان . شۇنىڭ بىلەن تۇردى ھاجى 1956-يىلىغا قەدەر سامپۇل يېزىسىدا ئۆز ئالدىغا تىبابەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .ئۇستازى توختاخۇن تىۋىپ 1915-يىل ئەتراپلىرىدا قازا قىلغان.
1956-يىلى لوپ ناھىيىسىدە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ دورا - دەرمەكلىرىنى پاي سېلىپ ئامبۇلاتورىيىگە كىرىپ ئىشلىگەن . ئامبۇلاتورىيە تارقىتىۋىتىلگەندىن كېيىن 1975-يىلىغىچە سامپۇل يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت بۆلۈمىدە ئىشلىگەن . 1975-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن.تۇردى ھاجىنىڭ كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپ ، قويغان دىئاگنوز ھازىرقى زامان تەكشۈرۈش سايمانلىرىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئۇدۇل چىقاتتى . ئۇ تومۇر تۇتۇشتا بىمار تومۇرىنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىشىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، دىلىدىكى ۋەھىمىسىنى كۆتۈرىۋېتىپ ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلغاندىن كېيىن ، ئاندىن تومۇر ھەرىكىتىنى تەكشۈرەتتى . ئۇ ئۇستازىدىن مىراس بولۇپ قالغان «تەرياق»دىگەن دورىنى كۆپ ياسايتتى ھەم ئۇنى يېنىدىن ئايرىمايتتى . ئۇ «بۇ دورا 90 نەچچە خىل كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ »دەيتتى . بۇ دورىنىڭ ھەرخىل يەللەرنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، شىپالىق ئۈنۈمى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى . تۇردى ھاجى ئاساسەن يۈرەك مېڭە-قان تومۇر كېسەللىكلىرى ، رىماتىزىم ، مۇپاسىل ، نۇقرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا مول تەجرىبىلەرگە ئىگە ئىدى . كېسەل داۋالاشتا چاينى ئاساسىي ئورۇندا قوياتتى . ئاددى رېتسىپلار ئارقىلىق كېسەل داۋالايتتى .
1984-يىلى تۇردى ھاجىنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقان ئوغلى ئابدۇغۇپۇر ھاجىم 120ياشتىن ھالقىغان مۇبارەك دادىسى تۇردى ھاجىمنى ئېلىپ مەككە مەدىنەمگە قاراپ يول ئالدى.ئۇلار ھەج تاۋاپ پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەككىدە نەشىر قىلىنغان نوپۇزلۇق گېزىتتە تۇردى ھاجىمنىڭ 120ياشتىن ھالقىغاندىمۇ گۈس-گۈس دەسسەپ ماڭىدىغانلىقى،شۇنچە دىمىق بولغان مۇھىتتىمۇ دىمىنىڭ سىقىلمىغانلىقى مۆجىزە ھېساۋىدا تونۇشتۇرۇلدى.......سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنى چوڭقۇر ھەسرەتتە قالدۇردى.چۈنكى پادىشاھ ئالىيلىرى گېزىتتىن تۇردى ھاجىم توغرىسىدىكى ئاجايىپ خەۋەرنى كۆرۈپ،بۇ مۆھتىرەم ئۆمۈر چولپىنىنى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ ئىسسىق قوللىرىنى سىقالمىغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانىدى.كېيىنكى كۈنلەردە ئوردا مۆتىۋەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇردى ھاجىمنىڭ ھەج تاۋاپقا كەلگەنلىكىنى پادىشاھ ئالىيلىرىغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشمىغانلىقى ئۈچۈن پادىشاھدىن تەنبىھ ئاڭلىغانلىقلىرىنى خوتەندىن ھەج تاۋاپقا بارغانلارغا دەپ بېرىشتى.
تۇردى ھاجى ئۆزىنىڭ 100يىلدىن كۆپرەك ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلاپ ،ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئۇ ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك ئىلمى ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراتقان مول تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ، ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى »دىگەن كىتابنى يېزىپ قالدۇرغان.
نام شەرىپى،ياخشى ئەمەللىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىدىن خىلۋەت ماكان تەۋەككۇل بوستانلىقىدىكى ئاددى كىشىلەرگىچە ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن بۇ مەشھۇر ھەكىم بىر ئەسىردىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈپ1987-يىلى 124يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.