جامالىدىن ئاق سارايى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلغان بۈيۈك ئەللامەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭمەشھۇر تىببىي ئەسىرى «ئاقسارايى»بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن ئالدى . ئالىمنىڭ قاچان ، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىشەنچلىك بىر ماتېرىياللار تېپىلغىنى يوق، بەزىلەر ئۇنى «ئىستانبولنىڭ ئاقساراي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان »دەيدۇ .ئەمما ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق . بەزى ماتېرىياللاردا «بۇ كىشىنىڭ 11-ئەسىرنىڭ ئاياغلىرىدا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم »دەپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئىشەنچلىك دەلىل كەلتۈرۈلمىگەن . 1936-يىلى ھېندىستاننىڭ دىيوبەن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا ئۆلىمالىرى تارىخىي مۇھاكىمە يىغىندا ، جامالىدىن ئاقسارايىنىڭ چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان بىر ئەلدە تۇغۇلۇپ ھىندىستانغا قېچىپ كەلگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن . چىڭگىزخاننىڭ 1-قېتىم غەربكە يۈرۈش قىلىشى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرى، يەنى 1219-يىلى باشلانغان . دېمەك ، ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى بالدۇر دىگەندىمۇ 13-ئەسىرنىڭ باشلىرى ، يەنى 1220-يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخان ئىستىلا قىلغان ئەلدىن ھېندىستاندىن قېچىپ بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. تىبابەت تارىخى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش خاراكتىرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئابدۇرىھىم قادىر قۇمۇلى ئەپەندى:<<ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتى >>(5)ناملىق ئەسىرىدە ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى يازغان : ئالىمنىڭ قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە، بەزىلەر بۇ كىشىنى ئىستامبولنىڭ ئاقسارايى دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان، دەيدۇ . ئەمما تولۇق دەلىل يوق. چۈنكى، ئىستامبولدىن خېلىلا يىراق بولغان ھېندىستانغا قېچىپ بېرىش ئېھتىمالدىن يىراق . يەنە بەزىلەر، غەربىي ئاسىيا ، كىچىك ئاسىيا، ئېراق ۋە ئېران تەرەپلەردە ئاقساراي دىگەن شەھەرلەردە تۇغۇلغان،دەيدۇ . گەرچە، بۇ جەھەتتە يەنە بىر قەدەمئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كېرەك، دەپ قارىغاندىمۇ، مېنىڭچە، تۆۋەندىكىلەردىن جامالىدىن ئاقساراينى خوتەن قارىقاش ناھىسىدىكى ئاقساراي يېزىسىداتۇغۇلغان، دەپ دەسلەپتىكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ . 1978-يىلى بىز خوتەنگە ئۇيغۇر تىبابىتى تارىخىنى تەكشۈرگىلى بارغاندا , پىشقەدەم تېۋىپلار بىزنى مۇنداقيىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى : يەنى، بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوتەنلىك مەرھۇم ئابدۇللا موللام مەۋلۇۋىي، مەرھۇم ھەسەن دامولام مەۋلۇۋىي، مەرھۇم مەتنىياز مەۋلۇۋىي ۋە ئاتۇشلۇق زەينۇل ئابدىن مەۋلۇۋىي قاتارلىق ئۆلىمالار ھېندىستان لەكنۇ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تىببىي ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا بارغاندا مۇئەللىم دەرس ئۆتۈۋاتقان بىر كىتابنى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ : ئاراڭلاردا خوتەندىنكەلگەنلەر بارمۇ ؟دەپ سورىغان ھەمدە كىتاب خوتەننىڭ ئاقسارايى دىگەن جايىدا تۇغۇلۇپ ھېندىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىببىي ئالىمى جامالىدىن يازغان «ئاقساراي» دېگەن كىتاب بولىدۇ دىگەن . بۇ كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىنچىققان بۇ ئالىمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتىپكەلگەندىن كېيىنلا، مەرھۇم پىشقەدەم تىۋىپ ئەھمەد ھاجى، مەرھۇم ھاجى ئېلخان ھەزرىتىم، داڭلىق دورىگەر ئىمىننىياز ئاخۇنۇم قاتارلىقلارغا ناھايىتى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بەرگەن . بۇ دەل، 1936-يىلى چىىقىرىلغان يەكۈن ۋە مەرھۇم ئۇيغۇر تىبابىتىئالىمى ئۇستاز ئابدۇلھېمىت يۈسۈف ھاجىنىڭ <شىنجاڭدىن ھېندىستانغا ئوقۇشقا بارغان بىر قىسىم كىشىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ كىشىنىڭ خوتەن قارىقاش ناھىيە ئاقساراي يېزىسىدىن بارغانلىقىنى تەخمىنەن قىلىشقان >دەپ يازغىنىغائوخشاش . ئالىم جامالىدىن ئاقسارايى موڭغۇللارنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھېندىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدۇ . ئالىم ھېندىستانغا بارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدىكى يۇقارقى ئەسەرنى يېزىپ، («ئاقسارايى»كۆزدە تۇتۇلىدۇ - ئا)ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاقسارايلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن باشقا تىببىي كىتابلاردىن ئۆزگىچە ھالدا ئۆزكىتابىغا «ئاقسارايى»دەپ نام قويغان. مەزكۇر ئەسەردە ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىيىلىرى، ھەر قايسى بۆلۈم كېسەللىكىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاسى، يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار سۆزلەنگەن بولۇپ، نەزىرىيە قىسمى ئاساسەن باشقىلار تەرىپىدىن ئىبىن سىنانىڭ «ئەلقانون»نى كىچىكلىتىپ يازغان «مۇجىزىلقانۇن»(ئەلقانۇندىكى مۆجىزىلەر)دىگەن ئەسەردىكى خاتا كەتكەنجايلارغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىلمىي ئاساسلاردىن تەركىپ تاپقان. شۇڭا، مەزكۇر قىسمى ئەسلى ئاپتور (ئىبىن سىنانى دېمەكچى ) مۇنداق دېگەن، ئۇ (مۇجىزىلىقانوننىڭ ئاپتورىنى دېمەكچى)مۇنداق دەپتۇ، مەن مۇنداق قارايمەن، دېگەن شەكىلدە يېزىلغان. «ئەلقانۇن»دىكى قىيىن مەزمۇنلار يورۇتۇپ بېرىلگەن. «مۇجىزىلقانون» دىكى خاتا مەزمۇنلار تۈزۈتۈلگەن. ھەر قايسىبۆلۈم كېسەللىكلىرىدىن 180خىلى سۆزلەنگەن. يەككە دورىلاردىن 390 خىلى، مۇرەككەپدورىلاردىن 144خىلى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز تېۋىپلىرىمىزلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئالىم جامالىدىن ئاقساراينىڭ «ئاقساراي»ناملىق كىتابىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى زور بولۇپ، ئەرەب يېزىقىدا پۈتۈلگەن بۇ قىممەتلىك ئەسەر قولدىن قولغا تارقىلىپ 1899-يىلىغاكەلگەندە لەكنۇدا رەسمىي نەشر قىلىنىپ، 1929-يىلىغىچە دىھلى ئۇنىۋېرسىتىتى ئىسلامتىبابىتى ئىنىستىتوتىدا دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلگەن. دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم تېۋىپلار ئۆز قولىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۈر ئەسەرنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ تىبابەت ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ . ئەسكەرتىش: «دېڭىز ئۈنچىلىرى»،«قاراقاشنى چۈشىنەيلى» ، «مەشھۇر ئۇيغۇر تېۋىپلىرى» قاتارلىق كىتابلارداجامالىدىن ئاقسارايى 19-ئەسىرلەردە ئۆتكەن دەپ يېزىلغان. ئەمما يېتەرلىك دەلىل ئىسپات كەلتۈرۈلمىگەن. بىراق ئالىمنى 12-ئەسىرلەردە ئۆتكەن دېگەن قاراشنى ياقلىغۇچىلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىسپاتى ئازراق بولسىمۇ چىنلىققائىگە.
|
 |