چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ئابدۇللا داموللام
 

 
    تېۋىپ - ھۆكىما ئابدۇللا داموللام 1888-يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزا ،ئوتۇن كەنتى «مىڭ بېشى» مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق تېۋىپ  ھۆكىما راشىدىن ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . يەتتە يېشىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان . 10 ياشقىچە ئۆزيۇرتىدا ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغان . 1898-يىلى خوتەنگە كېلىپ، شەھەر ئىچىدىكى «شېھىت باغ » مەدرىسىدە ئوقۇغان . 1912-يىلى بۇ مەدرىسنى پۈتتۈرۈپ ، قەشقەرگە بېرىپ ، قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان . 1916-يىلى قەشقەرگە خانلىق مەدرىسنى پۈتتۈرۈپ ، چەتئەلگە چىقىپ ، ئىلگىرى - كىيىن راۋۇلپىندى ، كاراچى ، دېھلى ، بومباي قاتارلىق جايلاردا تۇرۇپدىنىي بىلىم ئالغان . كېيىن بومبايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەركەنلىك باۋۇدۇن باينىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەرئايدا ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشى بىلەن ۋەتەنداش ساۋاقدىشى ھەسەن مۆۋلىۋى بىلەن بىرگە بومباينىڭ «لاكىنو» دېگەن يېرىدىكى «لاكىنو تېبابەت شۆيۈەنى»دە ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە ۋەتەنداش باھاۋۇدۇن باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە يوللۇقى بىلەن چەت ئەلدىكى 14 يىللىق ئوقۇشىنى تۈگىتىپ نۇرغۇن كىتاب ، قول يازما ، ئوقۇشلۇق ، دورا دەرمانلارنى ئېلىپ ساۋاقدىشى مۆۋلىۋى بىلەن بىرگە ھەجدىن يانغان كارۋانلارغا قوشۇلۇپ قايتىپ كېلىپ ، شەھەر ئىچىدىكى «شېھىت باغ» مەدرىسىدە مۇدەررسلىك قىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىز باسارلىرىنى ئوقۇتۇپ تەربىيلەش ئىشلىرىنى قىلغان . ساۋاقدىشى ھەسەن مۆۋلىۋىمۇ باشقا مەكتەپتىمۇ دەرسلىك قىلغاچ تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان . 1956-يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ، خوتەن ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەت بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىدە كېسەل كۆرگەچ تېبابەتچىلىك ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان . ئابدۇللا داموللام تىبابەتچىلىك ئىلمى بويىچە ئەينى چاغدا چەت ئەلگە چىقىپ ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس تەربىيىسىنى ئالغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ پىشىۋالىرىدىن بىرى (يەنە باشقا ئىككى نەپىرىدىن بىرىنچىسى ھەسەن مۆۋلىۋى، ئىككىنچىسى ئابدۇكېرىمھاجىم)بولۇپ ، مەخسۇس ئوقۇپ سىستىمىلىقئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى كۆرگەن . ئەرەب ، پارس ، ئوردو ، ھىندى ، تۈرك تىللىرىنى پىششىق ئىگەللىگەن بىلىملىك يېتىلگەن ھۆكىما بولۇپ ئەرەب ، پارىس ، ئوردو تىللىرىدىكى مىزان تىپ ، تېببى ئەكبەر قاتارلىق نۇرغۇن كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ ، دەرس ئۆتۈپ ، ئېلى ھاجىم ، ئابدۇۋايىت ھاجىم ، ئابدۇكىرىم ھاجىم ، مەتتۇرسۇن ھاجىم ، ھېبىبۇللا ھاجىم ، مەتتوختى ھاجىم ، تۇرسۇن خەلىپەم قاتارلىق تېبابەتچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان . ئابدۇللا داموللام ئەل ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ ھۆرمەت كۆرگەن . قەشقەردە ئوقۇغىنى ئۈچۈن ، «داموللا»، ھېندىستاندا ئوقۇغىنى ئۈچۈن «مەۋلىۋى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تېبابەت پىشىۋاسىئىدى . ئابدۇللا داموللام تەربىيىلەپ چىققان يۇقىرى تېبابەتچىلىىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆپى ھازىر ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مۇدىر ۋىراچبولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تۆھپە قوشقان تۆھپىكارلاردۇر.
    ئابدۇللا داموللام 1975-يىلى 9-ئايدا 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئالەمدىنئۆتكەندە، سەھىيە نازارىتى ئالاھىدە تەزىيە تېلىگىراممىسى يوللاپ، ئائىلىسىدىن ھال سوراش بىلەنبىرگە، بۇ تېبابەت مۇتەخەسسىسنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن.

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ