‹‹شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك كومپوزىتورى ئوبۇل توختى باقىيغا سەپەر قىپتۇ›› دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا، يۈرىكىم سوقۇشتىن توختاپ، نەپىسىم قىسىلغاندەك نېمە دېيىشىمنى، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ئوبۇلكا. قانداق تەقدىر بۇ، سىز تېخى ئەمدى 55 ياشقا كىرگەنتىڭىزغۇ؟ تېخى پېنسىيە يېشىغىمۇ يەتمىگەنتىڭىزغۇ؟ بىرمۇنچە ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، بالدۇرلا كەتكىنىڭىز نېمىسى ئەمدى. پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 9 – نۆۋەتلىك سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن 18 ناخشىڭىزنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۆرىشىڭىز، ناخشىچىلار بىلەن تەڭ خۇشاللىنىشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ؟ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلماقچى بولغان 3 – يۈرۈش ناخشىلار توپلىمىڭىزغا كىرگۈزۈشكە تاللىغان ناخشىلارغا ئاخىرقى نوتا بەلگىلىرىنى قويۇشىڭىز، باسما ئورىگىنالىنى تۈزىتىپ، بېكىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ؟ شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىزگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان سىمفونىيە كېچىلىكىگە ئىشتىراك قىلىشىڭىز، خەلقىئالەمگە ئىككى ئېغىز يۈرەك سۆزىڭىزنى قىلىشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ؟ يەنە دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكىگە ئاتاپ ئىشلىگەن ناخشىلىرىڭىزنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمىنى ئاڭلىشىڭىز، سەھنە ئۈنۈمىنى كۆرۈشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ؟ قىزىڭىز گۈلگىنەنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ياتلىق قىلىشىڭىز، ئوغلىڭىز ئادىلنىڭ ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈشىگە يۆلەك بولۇشىڭىز كېرەك ئىدىغۇ؟ شۇنچىۋالا مۇھىم ئىشلارنى تاشلاپ، خوشمۇ دەپ قويماي كېتىپ قالغىنىڭىز نېمىسى ئوبۇلكا. سىز سۆيگەن، سىز قەدىرلىگەن، 29 يىلدىن بېرى خىزمىتىڭىزدە بولۇپ، سىزگە مەدەتكار بولغان مەھبۇبىڭىز قالدىغۇ ئوبۇلكا؟ ئۆمەك باشلىقى جاۋ سىئېن مەخسۇس ئالدۇرۇپ بەرگەن سۆڭەكتىن نەقىش قويۇلغان شۇ قەدەر چىرايلىق، ئاۋازى شۇ قەدەر جاراڭلىق راۋابىڭىز قالدىغۇ ئوبۇلكا؟ باقىيغا كەتكىنىڭىز راستمۇ؟ ئەمىسە ئەلۋىدا ئوبۇلكا!
سىز 1954 – يىلى 1 – ئايدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدىڭىز. ئانىڭىز ئايىمخان تۇغۇتتا ئاغرىغانچە پەقەتلا ياخشى بولالمىدى. سىز ئالتە ئايلىق بولغاندا، ئۇ سىزنى باغرىغا چىڭ باسقانچە نەپەستىن قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سىز دادىڭىز توختى خارەتنىڭ تەربىيىسىگە قالدىڭىز. ئۇ كىشى چۆمۈلىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئاق كۆڭۈل، باغرى يۇمشاق، رايىش، كىچىك پېئىل ئادەم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئۇ تاكى سىز ۋىلايەتكە ئوقۇشقا كەتكەنگە قەدەر، ‹‹ئوغلۇمنى ئۆگەي ئانىنىڭ قولىغا قويمايمەن››، دەپ ئۆيلەنمەي بويتاق يۈردى. تالاغا چىقسا شىللىسىگە مىندۈرۈپ، ئۆيگە كىرسە قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ناننىڭ يۇمشىقىنى، ئاشنىڭ قويۇقىنى بېرىپ سىزنى باقتى. سىز مەكتەپ كۆرۈپ بىلىم ئېلىپ، مەشرەپ كۆرۈپ ئەقىل تېپىپ، تال چىۋىقتىن ‹‹پى – پى›› ياساپ نەي چېلىپ، ئاپتاپپەرەستىن راۋاب ياساپ چېلىپ زېرەك، چېچەن چوڭ بولدىڭىز. ناخشا باشلىقى بولۇپ، ساۋاقداشلىرىڭىزغا ناخشا باشلاپ بەردىڭىز، تەنتەربىيە ھەيئىتى بولۇپ پۈشتەك چېلىپ، تەڭتۈشلىرىڭىزنى سەپكە تىزدىڭىز. ئوقۇتقۇچىڭىز تۇراخانىمنىڭ سىزگە بەرگەن ئانىلىق مېھرى ۋە كۆيۈمىگە تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇش بىلەن جاۋاب بەردىڭىز.
سىزنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىز يۇقىرى ئىدى، مۇزىكا سېزىمىڭىز پەۋقۇلئاددە سەزگۈر ئىدى. بىرلا ئاڭلىغان ئاھاڭنى ئەستە تۇتۇۋالاتتىڭىز. تاپشۇرۇق ئىشلىسىڭىز قايسىدۇر بىر ئاھاڭغا غىڭشىيتىڭىز، قوي باققىلى چىقسىڭىز ‹‹ئادارگۈل››گە توۋلايتتىڭىز. كۆرگەنلىكى سازنى تىرىڭشىتىپ بېقىشقا ھەۋەس قىلاتتىڭىز. ‹‹قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا باق، چۆمۈچىڭنىڭ ئوينىشىغا›› دېگەن ھېكمەتنى ياخشى چۈشەنگەن توختى خارەت ئاخىر بولماي سىزگە كىچىكرەك بىر راۋاب ئېلىپ بەردى. راۋاب نوگايدەك سىيدام، كۆرۈمسىز بولغىنى بىلەن، پەدىلىرى جايىغا باغلانغاچقىمىكىن، ئاۋازى ساز ئىدى. سىز ئاچقۇچتەك كىچىك، يۇمران بارماقلىرىڭىز قاناپ كەتكۈچە، قېتىپ پىشقىچە مەشىق قىلدىڭىز. شۇ چاغلاردا قەلبىڭىزگە تۇتاشقان راۋاب ئىشقى سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولدى، سىز راۋابقا ئاشىق، راۋاب سىزگە مەشۇق بولۇپ، تاغ – داۋانلاردىن ئاشتىڭىز، شان – شەرەپلەر قۇچتىڭىز، ھاياتىڭىز يۈكسەك مەنىلەرگە تولدى.
سىز ئون ياشقا كىرگەندە، ھاياتىڭىزنىڭ تۇنجى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا دۇچ كەلدىڭىز. ناخشا – مۇزىكىغا ھېرىسمەنلىكىڭىز، راۋابقا ئاشىقلىقىڭىز بىلەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ سەنئەت سىنىپىغا تاللىنىپ، ئوقۇشقا كەتتىڭىز. ئۇ يەردە خەلق ئۇسسۇلى ۋە مىللىي چالغۇلار بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەندىڭىز. مەكتەپتىكى قويۇق سەنئەت مۇھىتى سەنئەتتىكى تۇغما تالانتىڭىزنى تاكاممۇللاشتۇرۇشقا تولۇق ئىمكان يارىتىپ بەردى. بۇ يەردە سىز كېيىنكى سەنئەت ھاياتىڭىزغا مۇستەھكەم ئۇل سالدىڭىز. ئوقۇشنى پۈتكۈزۈپ ناھىيىگە قايتىپ كېلىپ، ‹‹قايتا تەربىيە ئېلىش››قا يېزىغا كەتتىڭىز. بىر كۈنلەردە ساۋاقدىشىڭىز ئىسمائىل ئىبراھىم ‹‹ھەربىيگە ئادەم ئالىدىكەن›› دېگەن خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. قەلبىڭىزدە ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ئەسكەر بولۇش، يىراقلارغا بېرىپ جاھان كۆرۈش ئىستىكى چوغدەك يېلىنجىدى. 1971 – يىلى ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئېشىپ، ھەربىي سەپكە قاتناشتىڭىز ۋە ئۈرۈمچىگە كەلدىڭىز. باشقىلار مىلتىق ئېسىپ، چېگرا مۇداپىيە قىسىملىرىغا كەتتى. سىز مۇستەقىل شىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئەترىتىدە راۋابچى، دۇتارچى، تەمبۇرچى، داپچى، كانايچى بولۇپ ئىشلىدىڭىز. 1973 – يىلى شەرەپ بىلەن پارتىيىگە كىردىڭىز. 1976 – يىلى تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىگە چالغۇچى بولۇپ يۆتكەلدىڭىز. ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى شۇ بولۇپ قالدى. بۇ يەردە سىز مۇزىكا نەزەرىيىسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئانچە – مۇنچە مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا كىرىشتىڭىز. شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ كومپوزىتورلۇق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا بېرىپ، نەزەرىيە ئاساسىڭىزنى پۇختىلىدىڭىز. كېيىن چالغۇچىلىقنى تاشلاپ، ئۆمەكنىڭ كەسپىي مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى بولدىڭىز. كېيىنكى ھاياتىڭىز مول ئىجادىي ئەمگەكلىرىڭىز بىلەن چېچەك ئاچتى.
ھەربىي سەپكە كىرگەن كۈنىڭىزدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى – يېزىقىنى شۇنداق ئىجتىھات بىلەن ئۆگەندىڭىزكى، ئوبۇلكا، ‹‹خوتەنلىكلەر جاھىل كېلىدۇ›› دېگەن سۆزگە ئەتراپىڭىزدىكىلەر چىن پۈتتى. سىز تىل ئۆگىنىشتىكى ‹‹جاھىل››لىقىڭىز بىلەن ھەممىنى قايىل قىلدىڭىز. بىر خەت، بىر خەتتىن ئۆگەندىڭىز، پەقەتلا بەل قويۇۋەتمىدىڭىز. سەنئەت ئەترىتىدىكى ھەر بىر سەپدىشىڭىز سىزگە ئۇستاز بولدى. سىزمۇ زېرىكمەي سورىدىڭىز، ئۇلارمۇ تېرىكمەي ئۆگەتتى. ئەتىگىنى خام سۆز يادلىسىڭىز، كەچتە جۈملە تۈزدىڭىز. خەنزۇچە خەتلەرنىڭ تون بەلگىلىرىنى پەرق ئېتەلمىسىڭىز، ئۇنى مۇزىكىدىكى نوتا بەلگىسىگە تەقلىد قىلىپ پەرقلەندۈردىڭىز. لۇغەت سېتىۋېلىشقا ئېشىنالمىسىڭىز، كونا ھەربىي فورمىڭىزغا تېگىشتىڭىز. تەرجىمە رومانلارنى سېتىۋېلىپ، ئەسلىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىڭىز. خەنزۇچە سەۋىيىڭىز شۇنداق كامالەتكە يەتتىكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەنزۇچە شېئىرلارغا ئاھاڭ ئىشلىدىڭىز، خەنزۇ تىل – يېزىقىدا نوتا يازدىڭىز، مۇزىكا ئىجادىيىتىڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەنزۇچە بولدى. ھەتتا نۇرغۇن يىلدىن كېيىن، نۇتقىڭىزنى ئاڭلىغان خەنزۇلار سىز ئىشلەتكەن تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي، ئەتراپىدىكىلەردىن سورايدىغان بولدى، ئۆزلىرى يازغان خەنزۇچە ئىلمىي ماقالىلەرنى، نۇتۇق سۆزلىرىنى ‹‹تۈزىتىپ بېرىڭ›› دەپ ئالدىڭىزغا ئەكىلىدىغان بولدى.
سىزنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىڭىز 1978 – يىلىدىن باشلانغانىدى ئوبۇلكا. شۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىلدا ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ 1 – سېپىدىكى قىسىم، قاراۋۇلخانىلارغا بېرىپ ئويۇن قويۇش، تۇرمۇش ئۆگىنىش، خام ماتېرىيال توپلاش ئاساسىدا، سىز مىللىي پۇرىقى كۈچلۈك، چېگرا جەڭچىلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 1000 دىن ئارتۇق ناخشا – مۇزىكىنى ئىجاد قىلدىڭىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ‹‹ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ››، ‹‹تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرى››، ‹‹ياڭاق دەرىخى››، ‹‹قۇربان تۇلۇم نەدە؟››، ‹‹قۇملۇق تاشيولى››، ‹‹يۇرتداش››، ‹‹تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا››، ‹‹ساپاق – ساپاق ئۈزۈملەر، تىزىق – تىزىق كۈلكىلەر››، ‹‹ناخشىچىمەن››، ‹‹گۈل بېغىم››، ‹‹ياشلىق››، ‹‹شادلىق دېپى›› قاتارلىق 100دىن كۆپرەك ناخشا – مۇزىكىڭىز مەملىكەت، ئارمىيە ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرەكلىرىدە ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› مۇكاپاتى، مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى ۋە 1 – ، 2 – ، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى؛ بەزى ناخشىلىرىڭىز ‹‹ئەسىر ھالقىغان مىللەتلەر ناخشىلىرى›› قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى؛ يەنە بەزى ناخشىلىرىڭىز باش سىياسىي بۇنىڭ ‹‹ئىككىنى ھىمايە قىلىش›› سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇندالدى؛ خەنزۇچە تېكىستكە ئىجاد قىلغان ‹‹ساپاق – ساپاق ئۈزۈملەر، تىزىق – تىزىق كۈلكىلەر›› ناملىق ناخشىلار توپلىمىڭىز بىلەن ئۇيغۇرچە تېكىستكە ئىجاد قىلغان ‹‹گۈل بېغىم›› ناملىق ناخشىلار توپلىمىڭىز نەشر قىلىندى؛ ئىجادىيەتلىرىڭىزدىن ئالتە يۈرۈش سىنتەخسە پلاستىنكىسى(VCD) چىقىرىلدى؛ مۇبارەك نامىڭىز ‹‹شەرق ئوغلانلىرى›› قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. ئەنە شۇ سەمەرىيىلىك ئەمگەكلىرىڭىز بەدىلىگە سەنئەت ساھەسىدە ئىناۋەت تېپىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدىڭىز.
سىزنىڭ ھاياتتا ئاددىي – ساددا ياشاپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، كەسىپنى قىزغىن سۆيۈپ، خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، باشقىلار بىلەن ئۆم – ئىناق ئۆتۈپ، ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا بىرلا ئوبۇل توختى بولۇپ ئوبراز تىكلىگەنلىكىڭىزنى سىزنى يەرلىككە قويغان كۈنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندىم ئوبۇلكا. 2009 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بۇ ئالەم بىلەن تۇيۇقسىز ۋىدالاشتىڭىز. بىز سىزنى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى يۇيۇپ – تاراپ يەرلىككە قويدۇق. شۇ كۈنلەردە ئۆيىڭىزگە پەتىگە كەلگەن، نامىزىڭىزغا قاتناشقان، تۇپراق بېشىغا چىققان ئادەملەرنى مەن ساناپ ئۈلگۈرەلمىدىم ئوبۇلكا. يازغۇچى – شائىرلار، ئەدىب – سەنئەتكارلار، ناخشىچى – مۇزىكانتلار، مۇھەررىر – مۇخبىرلار، ئوقۇتقۇچى، مائارىپچىلار، ھەربىيلەر، ئوفىتسېرلار، ئەسكەرلەر... ۋاي – ۋۇي ئوبۇلكا، سىزنى بىلىدىغانلار، ھۆرمەتلەيدىغانلار نېمانچە كۆپ؟ ھەممىسىنىڭ كۆزىدە ياش، قەلبىدە ئېغىر ماتەم، ئاغزىدا سىزنىڭ ياخشى تەرىپىڭىز. بىرى ئۇنى دەپ ماختايدۇ سىزنى، بىرى بۇنى دەپ يىغلىتىدۇ بىزنى. قارىڭا ئاۋۇ باھارگۈلنىڭ قوشاق قېتىپ مۇڭلۇق يىغلاشلىرىغا. قۇلاق سېلىڭا ئاۋۇ شامىل شاكىرنىڭ ئوق تەگكەن مارالدەك نالىلىك بوزلىشىغا. ئەنە ئاۋۇ ھەسرەتلىك يىغىسىنى يوشۇرالماي مىچىلداپ كېتىۋاتقىنى ناخشىچى قىز خالىدە، ماۋۇ ئېغىر سۈكۈناتتا قول باغلاپ تۇرغان يىگىت موڭغۇل ناخشىچى ئويۇنبات. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ سەنئەتتىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىڭىز. سىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز ئاۋاز تېمبىرىغا ماس ناخشىلارنى ئىشلەپ بەرگەن. مەن بىلىمەن، ئوبۇلكا، ئۇزاق يىللىق سەنئەت ھاياتىڭىزدا سىز ئۇلارغا تايىنىپ، ئۇلار سىزگە تايىنىپ، سەھنىلەردە شان – شەرەپلەرنى قۇچقان. ئاشۇ ھەمكارلاشقۇچىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى كەلدى ئوبۇلكا، يىراقتىكىلىرى تېلېفون بەردى، تېلېگرامما ئەۋەتتى. ۋاڭ خۇڭۋېي، كېرەم ئابدۇگۈل، جەمىلە قۇربان... ۋاي – ۋۇي ئوبۇلكا، بۇلارنىڭ ھەممىنى ساناپ چىقىشىم زۆرۈر ئەمەسقۇ ئاخىر.
تاۋۇتىڭىزنى ئېلىپ مېڭىشتىن ئىلگىرى بىز بىردەم كۈتۈپ تۇردۇق. شۇ چاغدا ئېغىر قايغۇ، مۇسىبەتكە چۆككەن ئالاماننىڭ ئارىسىدا قول باغلاپ تۇرۇپ، ئىختىيارسىز سىز ئاھاڭغا سالغان، باھارگۈل ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتقان خەنزۇچە ناخشا ‹‹ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ››نى ئىچىمدە غىڭشىدىم. بۇ ھەرگىز ماتەم يىغىسىنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق ناخشىسىنى دەسسەتكىنىم ئەمەس ئوبۇلكا. مېنى چۈشىنىڭ، مېنى كەچۈرۈڭ. ئىچ – ئىچىمدىن ئۆرتەپ چىقىۋاتقان ماتەم يىغىسىنى ئاشۇ ناخشىڭىز بىلەن ئىپادىلىدىم خالاس. ئەينى يىللىرى بۇ ناخشا سىزنى ئاۋامغا، مەملىكەتكە تونۇتقانىدى، ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› مۇكاپاتىغا نائىل قىلىپ، شۆھرىتىڭىزنى ئاشۇرغانىدى؛ بۇ ناخشا شىنجاڭنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، دۇنياغا تونۇتقانىدى؛ بۇ ناخشىنى مەن قەشقەر يولۇچىلار بېكىتىنىڭ ئاپتوبۇس كۈتۈش زالىدا، بېيجىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ كۈتۈش زالىدا، شاڭخەي – ئۈرۈمچى تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ كارىۋاتلىق ۋاگونىدا، بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ يىغىن – زىياپەت زالىدا يۇقىرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇدىن ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن. ئون نەچچە يىلدىن بېرى بۇ ناخشا ماڭا، مەن بۇ ناخشىغا ھەمراھ بولۇپ مەملىكەتنى ئايلىنىپ يۈرۈپتۇق. شۇڭا ئوبۇلكا، قەلب خاتىرەمگە مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن ناخشىڭىزنى ئىختىيارسىز غىڭشىپ ئوقۇۋەتتىم، مۇسىبىتىڭىزگە ناخشىڭىزنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتىم. مېنى چۈشىنىڭ، مېنى كەچۈرۈڭ.
مەن چىدىمىدىم ئوبۇلكا، قىزىڭىز گۈلگىنەنىڭ يىغىسىغا چىدىمىدىم، ئوغلىڭىز ئادىلنىڭ نالىسىگە چىدىمىدىم. بۇ بالىلار سىزنىڭ ھەربىي قەھرىمانلىق ئوردېنلىرىڭىزنى ساناپ چوڭ بولغان ئەمەسمىدى؟ سىزنىڭ ھەربىي خىزمەت ھاياتىڭىزدىن خۇلاسىلىگەن تەسىرلىك ھېكايىلىرىڭىز، ھەربىيلەر تۇرمۇشىغا بېغىشلاپ ئىجاد قىلغان جەڭگىۋار ناخشىلىرىڭىز ئۇلارنى ھەربىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە دالالەت قىلغان ئەمەسمىدى؟ نېمىشقا ئۇلارنىڭ ھەربىيلىك ھاياتىغا ئۇزاقراق شاھىد بولماي، بالدۇرلا كېتىپ قالىدىغانسىز؟
مەن بىلىمەن ئوبۇلكا، سىز بەكلا چارچاپ كەتكەنتىڭىز. يېقىنقى بەش – ئالتە ئايدىن بېرى قېنىپ ئۇخلاپ باقمىغانتىڭىز، بىرەر كۈننى بىغەملىك بىلەن ئەسنەپ ئۆتكۈزۈپ باقمىغانتىڭىز. بۇ يىل 5 – ئايدا پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 9 – نۆۋەتلىك سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ ئايدا 18 ناخشىغا ئاھاڭ ئىشلىگەنتىڭىز. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىشقا ۋەدە قىلغان 3 – يۈرۈش ناخشىلار توپلىمىڭىزغا ئەسەر تەييارلايمەن دەپ بەكلا زورۇقۇپ كەتكەنتىڭىز. شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىزگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان سىمفونىيە كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىمەن دەپ بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەنتىڭىز. دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكىگە ئاتاپ يېڭى مۇزىكىلارنى ئىشلەيمەن دەپ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپماي، تۇمشۇق تىرەپ ئىشلەپ كەتكەنتىڭىز. ئۆمەكتىكى سىياسىي يېتەكچىلىك ۋەزىپىڭىزنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىمەن دەپ، يەنە تېخى يېڭىراقتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ياش ئۆمەك باشلىقىغا مەسلىھەتچى بولىمەن دەپ خىزمەتكە ئۆزىڭىزنى بەكلا ئۇرۇپ كەتكەنتىڭىز... سىز بەكلا چارچاپ كەتكەنتىڭىز ئوبۇلكا. بۇنى سىز جان ئۈزۈشتىن بەش كۈن ئىلگىرىكى ئۆمەكنىڭ 9 – نۆۋەتلىك سەنئەت كۆرىكىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنى تاللاپ بېكىتىش يىغىنىدا، سىزنىڭ ناخشا تېكىستى يېزىپ بېرىدىغان ھەمكارلاشقۇچىڭىز ياڭ يىڭجيې ئەپەندى سەزگەنىدى. ئۇمۇ كەسىپچانلىقىڭىزنى بىلگەچكە، كۆڭلىڭىزنى ئاياپ، كۆپ گەپ قىلمايلا كېتىپ قالغانتى. جىددىيچىلىك، خىزمەت بېسىمى، زىيادە چارچاش ئاخىر سىزنى ھالسىرىتىپ قويدى ئوبۇلكا. ئەلۋىدا ئوبۇلكا، سىز قىلىپ تۈگىتەلمىگەن ئىشلارنى قىزىڭىز، ئوغلىڭىز ئاخىرىغا ئېلىپ چىققۇسى. خاتىرجەم كېتىۋېرىڭ. ئەمما راۋابىڭىزنى ئالغاچ كېتىڭ، ئۇ دۇنيادىمۇ مۇزىكىغا تەشنالار بار، ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلىنى شاد ئېتىڭ!