تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901- يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نېسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى . ئابدۇخالىقئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندەدىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋەكىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان .
1916- يىلىچوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللە بېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل- يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ . تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭى شەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەنمەكتەپنى تاماملايدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنتونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىس, ىدىمۇمۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. ئەينى دەۋىردەئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ « سۇ بويىدا » ، « قىزىلراۋاقتىكى چۈش » رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇن جوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇگراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن . ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدال كونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم – پەننىئوموملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسىتۇغۇلغان .
1923 – يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2 – قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىم تەھسىلقىلىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركىئەسەرلىرىنى ئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ . شۇنداقلائۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەنكۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ . 1926 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچە ئىلىم – پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت ژۇرنال نەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . لېكىن ئەكسىيەتچى، مىللىتارست ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يولقويمايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكىمەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجا قاتارلىقكىشىلەر بىلەن 1927 – يىلى « ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى » نامىدا بىر مەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەنكىشىنىڭ قوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاقسارايدا « ھۆرىيەت مەكتىپى »، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنەبىر مەكتەپ ئاچىدۇ . . .
بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زورئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇرسىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتا ئەينى دەۋىردىكىمۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ . ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ .
ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىقئۇيغۇر 1932 – يىلى 11- ئايدا « ئويغان » ، « ئاچىل » دېگەن شېئىرلىرىنىئاق رەختكە چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچىھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ . 1932- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىداتۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 – يىلىنىڭبېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋىتەرغىباتچىسى دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگەتاشلايدۇ . جاللات شىڭشىسەي 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭئالدىدا قەتلى قىلىدۇ . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچتەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي، باتۇرلارچەكۆكرەك كېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ . بوينىغاقىلىچ ئۇرۇلغاندا « ياشىسۇن ئەركىنلىك! » ، « ياشىسۇن ئازادلىق! » دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ...