ئاتاقلىق مۇزىكاشۇناس ۋە تالانتلىق شائىرە ئاماننىسا خېنىم دولان يۇرتى (ھازىرقى مەكىت ناھىيىسى) نىڭ تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئاتىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزىنىڭ قىزغىنلىغى بىلەن كىچىكىدىن باشلاپلا ساتار ھەم تەمبۈر چېلىشنى ئۈگۈنۈشكە باشلايدۇ ، كۈندۈزلىرى مەكتەپتە ئوقىسا ، كەچلىرى مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ ، ساز چېلىشنى مەشق قىلىدۇ . ئاماننىسا ئۆز ئارزۇسى يولىدا پىداكارانە ئىزدىنىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان شىكارغا چىقىش مۇناسىۋېتى بىلەن بۇ تەرەپلەرگە كېلىپ قالىدۇ . ئاماننىساخاندىكى قابىلىيەت ۋە ئىستىدات سۇلتان ئابدىرەشىدخاننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ . سەنئەت ۋە مەرىپەتنى ئۆزىگە دوست تۇتقان ئابدۇرەشىدخان ئاماننىسانى ئۆز نىكاھىغا ئالىدۇ . «تەۋارىخى مۇسىقيۇن » ناملىق كىتاپنىڭ مۇئەللىپى موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، مەرىپەتپەرۋەر سۇلتاننىڭ كەمبەغەل تالانت ئىگىسى ئاماننىسا خېنىمنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىشى مانا مۇنداق بولغان ئىكەن :
.. سۇلتان ئۆز ۋەزىر – ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەركەندىن ئايرىلىپ چىقىپ ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى . سۇلتاننىڭ كېچىلىرى دېخانچە ساددا كىيىملەرنى كىيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىۋانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ زەئىيەلەرگە زۇلۇم – سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى . بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى . بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى . بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇدنىڭ قىزى ئىدى . سۇلتان ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا تۇرغان ساتتارنى كۆرۈپ قېلىپ ، مەھمۇدتىن ساتتار چېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى . مەھمۇد : « مەن ساتتار چېلىشنى بىلمەيمەن ، مۇشۇ قىزىمىز ماڭا ساتتار ئېلىپ بەر ، دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان ، قىزىم چالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى . سۇلتان : « ئەمىسە ، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن » دېدى . مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى . قىز ساتتارنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى ، سۇلتان ھەيران قالدى . بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شىئېرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا ، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ بىھۇش بولۇپ كەتتى ، شىئېرنىڭ باشلانما بېيىتى مۇنداق ئىدى :
سەڭا يۈز شۈكۈر يارەب بىزگە ئادىل پادىشا قىلدىڭ ، فەقىر مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى فەناھ قىلدىڭ .
نەفىسى كېچە – كۈندۈز دۇئا قىل تەڭرى تەقدىسقە ، كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىغ گۇنا قىلدىڭ .
غەزەل تامام بولۇشىغا ، سۇلتان ئالدىراپ : «نەفىسى شائىرە كىم ؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۈگەنگەن ؟ » دەپ سورىغان ئىدى ، قىز : «خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېتىپ ئوقۇمدىكەن ، مەن ناۋايى ، فۇزۇلى شىئېرلىرىدىن باشقىنى ئۇقۇمايمەن . بۇ غەزەل ئۆزەمنىڭ ، نەفىسى مېنىڭ تەخەللۇسۇم » دەپ جاۋاپ بەردى . سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى . ئاتىسى : «13 ياشقا كىردى»دەپ جاۋاپ بەردى . سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى . ئاڭغىچە ئاماننىساخان خېنىم قوپۇپ ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شىئېرنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى . خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى . پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارسىدەنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي : «قېنى ئەمىسە ، مەن قاراپ تۇراي ، بىر شىئېر يېزىپ بېقىڭ » دېگەن ئىدى . قىز دۈۋەت ، قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى ؛ يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەب سۇئىزەن مەڭا ، گويا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن مەڭا .
سۇلتان كۈلۈپ : «ئىشەندىم ، مېنى مەسخىرە قىلماڭ » دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ : «بىز ھېلى كىرىمىز» دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ لەشكەرگاھقا بېرىپ ، ۋەزىر – ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى . بېشىغا تاج كىيىپ ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى ، دەرھال ئون قوي ۋە شايى – ئەتلەسلەر تەييارلاندى . تۈن يېرىمىدا 40 كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ، مەقسەتنى بايان قىلدى . پادىشا ئۆزىنى ئاشكارە قىلىپ ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى . شائېرە ئاماننىسا خېنىم ئۆز ئۆمرىدە مۇزىكا ، خەتتاتلىق ، شىئېرىيەت ھەققىدە خەلق ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قالدۇردى . بۇ ھەقتە « تەۋەرىخى مۇسقىيۇن » ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ. ئاماننىسا خېنىم <دىۋان نەفىسى> گە ئوخشاش قىممەتلىك ۋە مەشھۇر شىئېرلاپ توپلىمىنى ، خوتۇن – قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ،<ئەخلاقى جەمىلە> ناملىق بىر كىتاب يازدى . <شۇرۇھۇلقۇلۇب> (قەلبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى . شائىرلىق ، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز . «ئىشرەت ئەڭگىز» ناملىق بۇ مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغان ئىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇزىكا ۋە خەتتاتلىق بىلىمى توغرىسىدا يازغان ئەسىرى ئىنتايىم مۇھىم بولۇپ ، مۇنداق ئەسەرلەر دۇنياغا كەم كەلگەن . ئاماننىساخان قىدىرخان يەركەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسىل مۇزىكا بايلىقى بولغان « ئون ئىككى مۇقام» نى رەتلەش ئىشىغا زور تۆھپە قوشقان . خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆمرىنى بەخش ئەتكەن بۇ يالقۇنلۇق يۈرەك 1567- يىلى بىمەھەل سوقۇشتىن توختىدى . ئۇنىڭ تۆھپىسى ۋە قەدىرلىك نامى خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك «ئون ئىككى مۇقام» ئاھاڭلىرىنىڭ جاراڭلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئەۋلاددىن – ئەۋلادقىچە دىللاردا يادلىنىدۇ !!