چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>زۇنۇن قادىر
 

 زونۇن قادىر 1911-يىلى تارغاباتاي ۋىلايىتنىڭ دۆربىلجىن ناھيىسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئىقتىسادىي جەھەتتە گۇمران بولۇشقا ،تۇرمۇش جەھەتتە نامرتلىشىشقا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئوتكەن.
ئۇ يەتتە يېشىدا دېنىي مەكتەپتە ئوقۇغان .1937-يىلى ئۈرۈمچىئىگە كېلىپ ئىككى يىل ئوتتۇرا مەكتەپتە ،ئاندىن يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇپ ،زامانىۋى بىلىم ئۆزلەشتۇرگەن .ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ ،يېڭى مەدنىيەت ھەركىتنى قانات يايدۇرۇشقا ئاكتىپ رول ئوينىغان .1940-يىلىدىن تارتىپ تىياتىر ئۆمىكىدە ئارست ،ئىجادىيەتچى رېجىسور ،دىكراتور ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئەدىبىيات بۆلىمنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەربىي مۇخبىر ۋەكۈرەشئىتتىپاق قاتارلىق گېزىت -جورنالدا مۇھەررىر ،باش مۇھەرىر بولغان .1957-يىلىدىن 1963-يىلىغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدىبىيات -سەنئەت چىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،جۇڭگو يازغۇچىلار جەميىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان .
زۇنۇن قادىر كىچىكىدىن تارتىپ خەلق داستانلىرى ۋە چۆچكلىرىنى ،مەددالارنىڭ قىسسە ۋە جەڭنامىلرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدى .ئۇ ساۋاتى چىقىشى بىلەنلا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قىزىقىپ ، ناۋائى ، مەشرەپلەرنىڭ كىتاپلىرنى ئوقۇشقا كىرىشتى .كېينچە شاھنامە گۇلستانقاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر بىلەن تۇنۇشتى .رۇس ئەدىبىياتى كىلسسىكلىرنىڭ ۋە ئۇلۇغ پورۇلېتارىيات يازغۇچسى ماركىسىم گوركىنىڭ تاتار ۋەئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلىرنى ،سەدىردىن ئەينى ، ئۆمەر مۇھەممىدى ۋە نۇر ئىسرائىلنىڭ رومان ،پوۋست ،ھېكايلرىنى ئوقۇپ چىقتى .دېمەك ،زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيىتى خەلق ئېغىز ئەدىبىياتى ،ۋە كىلسسىك ئەدىبىيات ئەنئەنىرى بىلەن ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرنىڭ ئىلغار ئەدىبىياتى تەسىردە شەكىللەندى .
زۇنۇن قادىرى 1936-يىلدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ،50يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يازغان چېنىقىش غۇنچەم خاتىرىلەر مەسەل ۋە چوچەكلەر ،زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى قاتارلىق كىتاپلىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن .ئۇ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم بولغان بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلىئەر ئوتتۇرغا قويۇلغان بىرمۇنچە ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلشىتىن سىرت ، ماركسىم گوركىينىڭ ئارخىپ بوۋا ۋە لىيونكا ،سېۋىت تاتار يازغۇچىسى ئادىل كوتوينىڭ تاپشۇرلىمىغان خەتلەر ،شىنجاڭ قازاق ئەدىبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدن بىرى بولغان تاڭجارىقىنىڭ گۇندىپاي قاتارلىق پوۋېست ،داستان ،ھېكايلىرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى .بىرمۇنچە چۆچەك ،قوشاق ، ماقال -تەمسىللەرنى توپلاپ ئېلان قىلدى .ئۇنىڭ شۇ يىللار ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ،ئۆز دەۋەرنىڭ لغار سېياسىي ،ئېستېئىتىك قاراشلىرى سېڭدۇرۇلگەن ئەدىبىي ئوبزورلار جامائەتچىلىك ئىچىدە خېلى چوڭقۇر تەسىر قوزغۇغاندى .
ئازاتلىقتىن كېيىن زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى ، ماركىسىزملىق سانئەت تەلىمەتى بىلەن ئېنقىلابىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى يازغۇچىنى تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىجادىيەت زېمىنى بىلەن تەمنىلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون يىلغايەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ،سەزگۈزەشت خارەتكتېرلىك بىر رومان( ئەپسۇسكى ،بۇ رومان مەدنىيەت ئىنىقىلابىنىڭ قالايمىقاچىئىقىدا يوقاپ كەتكەن) ئۈچ دراما ،بىر كىنو سېنارىيىسى ۋە ئونغا يېقىن ھېكايە يېزىپ ،سوتسىيالىسىتىك ئەدىبىياتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۆرنەرلىك ئىلگىرى سۈرگەن .
زۇنۇن قادىرى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىئىگە ، ئەدىبىيات سېپىدىكى تالانت ئىگىلىرنى بايقاش ،تەبىيىلەشكە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن .ئاتغلىق ئۇيغۇر شائىرى تېيىپجان ئېلىيۇۋ ، ئاتاغلىق قازاق شائىرى قۇرمان ئەلىگە ئوخشاش تالانت ئىگىلىرنىڭ بايقىلىشى ،ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمى مۇھىم رول ئوينىغان .ئۇ ئۆزنىڭ پۈتۈن زېھىن -پاراسىتنى شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدىبىيات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان .
ئاتاغلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ، دراماتۇرگ ،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىسى ۋە دراماتورگىيىسنىڭ ئاساسچىلىردىن بىرى بولغان زۇنۇن قادىر 1989-يىلى – 9ئاينىڭ -24-كۈنى كېسەل سەۋەبى 77 يېشىدا ۋاپات بولدى .ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش ، شۇنداقلا شىنجاڭ ھەر مىللەت ئەدىبىياتى ئۈچۈنمۇ زور يوقۇتۇش .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدبىياتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇش بىلەن بىللە ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدنىيەت خەزىنىسىدىكى پارلاق گۆھەر ، شۇڭا ،ئۇنىڭ نام -شەرپى ئۆز ئەسەرلىگە بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئەدىبىياتنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ.


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ