چولپانلار ئالبۇمى جۇڭــگـــو چولپانلىرى تەيــۋەن - شىياڭگــاڭ يـاپـۇن - كورىيــە ئامــىرىكا - ياۋرۇپا ھىنــدىستان - پاكــىستان شىنجاڭ چولپانلىرى بـاش بــەت
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت >> شەخىسلىرىمىز >>ئەلائىدىدىن مۇھەممەت خوتەنى
 

تىببىي ئۇستاز ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەد خوتەنىقاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى بۈيۈك تىببىي ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىملار قاتارىدا بارلىقىنى ئۇيغۇر تىبابىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلىغان بولۇپ , ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە رەجەپ يۈسۈپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ « ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنىۋە ئەللامە كەنتى توغرىسىدا » ناملىقماقالىسىدە :«ئەلائىدىن مۇھەممەت خوتەنى مىلادى 1160 – يىلى ھازىرقى خوتەنناھىسىگە قاراشلىق بورزات رايونى (باغچا يېزا)خەلىچە كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن » دەپ يازسا ، مەرھۇم تىببىي ئالىمى ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى قاتارلىق بىرتۈركۈملەر ماقالە -ئەسەرلەردە بىردەك «مىلادى 1150-يىلى تۇغۇلغان» دەپيازغان .


ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يىلى ھەققىدە 1150-يىلىنى دەسلەپتەئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجى مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئوتتۇرىغاقويغان . ئۆزىنى ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنىنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلايدىغان بىر قىسىمتىۋىپلارمۇ مۇشۇ يىلنى نەسەپ تارىخى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان . شۇڭا بىز بۇ يەردەئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىنى ئىشەنچلىك،دەپ قارايمىز .
ئالىم ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى خوجا مۇھەممەت ئىسىملىك بىردىنى زات ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ , ئاتىسى ئوغلىنى ئەتراپلىقتەربىيىلەشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭتەربىيىسىدە دىنىي ئىلمىدە خېلىلا نەتىجە قازانغان بولغاچقا , ئاتىسى ئۇنىڭ ئىلىمگەبولغان قىزغىنلىقىغا يىتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇنى ئەينىۋاقىتتىكى داڭلىق ئوقۇتۇش يۇرتى قەشقەر «ساچىيە مەدرىسى »گە دىنىيئىلىم ۋە تىببىي ئىلىم ئىگىلەپ , ئۆزىنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەۋەتكەن , ئەلائىددىن قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئەرەب , پارىس تىللىرىنى تېخىمۇ قېتىرقىنىپئۈگىنش , ئۆزلەشتۈرۈش, مەزكۈر مەدرىسنىىڭ بارلىق ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى بىلەن تونۇشۇپچىقىش بىلەن بىرگە , ئاساسلىق زېھنى كۈچىنى تىبابەت ئىلمىنى ئۆگىنىشىكە قاراتقان .بۇ مەدرىستە بۈيۈك ئۇستازلار تىببىي ئىلىمدىن كۆڭۇل قويۇپ دەرس بەرگەچكە ۋەئەمەلىيەت بىلەن باغلاشقا دېققەت قىلغاچقا , ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمىگە قىسىقامۇددەت ئىچىدىلا تىببىي ئىلىمدىن خېلىلا مۇكەممەل بىلىمگە ئېگە بولغان ۋە ئوقۇشنىتاماملاپ , تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كەلگەن , ئالىم ئەلائىددىن خوتەنگەقايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت جامائىتى ئىچىدە ئۇنىڭ «ساچىيە مەدرىسى»نىئەلا نەتىجىدە تاماملاپ ئەللامە دىگەن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى ناھايىتىتېزلا تارقالغان . نەتىجىدە ئۇنىڭدىن تىببىي ئىلىم ئۆگىنىشكە كېلىدىغانلار بىردىنلا كۆپىيىپ , ئۆيى تارچىلىق قىلغان . ئوغلىنىڭ مانا شۇنداق خەيىرلىك ئىش بىلەن مەشغۇلبولۇۋاتقانلىقىدىن سۇيۈنگەن خوجامۇھەممەت ئۇنى ئاز بىلىمىنى تېخىمۇ كۆپلەپتارقىتىش پۇرسىتىگ ئېگە قىلىش مەقسىتىدە چوڭ بىر مەدرىس ئېچىپ بەرگەن . شۇنىڭدىنباشلاپ , ئەللامە ئەلائىددىنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ ئالدىراشلىڭتا ئۆتۈشكە باشلىغان , بەزىمەلۇمەتلارغا قارغاندا , ئۇنىڭ نامى تارىم ۋادىسىدىن ھالقىپ چەت ئەللەرگىمۇتارقالغان بولۇپ , يىراق ئەللەردىن ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغىئۈزۈلمىگەن , قىسقىچە بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 3000دىن ئېشىپكەتكەن .
ئۇ بىرتەرەپتىن شەرىئەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسا , يەنە بىر تەرەپتىن تىببىي ئىلىمتارقىتىش , مەخسۇس تىببىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش , ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن تىببىئالىملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئىجادىي پايدىلىنىش ئارقىلىق بىر قىسىم مەخسۇسئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان . يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئالىمنىڭ ئىجادىيئەسەرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا , ئۇنىڭ تىببىي خادىملارنىڭ قەستەنياكى سەۋەن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىغا شەرىئەت ھۆكمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشتوغرىسىدا بىر قانچە ماددىلىق چارىلىرى ھەمدە يالغان تىۋىپلار ۋە باشقىلارنىڭكىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغانجىنايەتلىرى ئۇچۈن بېرىلىدىغان جازالار تونۇشتۇرۇلغان . «ئەلقىقھۇتىببىيە» (تىبابەت قانونلىرى)ناملىق كىتابتا 11-ئەسىردىنبۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تىبابەت نەزىرىيىلىرى سۆزلەنگەن ھەم ھەرخىلكېسەللىكلەرنى داۋالاش قائىدە – پىرىنسىپلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى ناۋايىتى يىغىنچاق ۋەمۇكەممەل بايان قىلىنغان . «زۇبدەتىل قاۋانىل ئىلاج» (داۋالاشقائىدىلىرىنىڭ جەۋەرلىرى) ناملىق كىتابىنىڭ بارلىقىنىڭ ھەققىدىمۇ مەلۇمەتلار بار . يېقىندا مۇھەممەت باقى ئالىم قاتارلىقلار ئالىمنىڭ يۇقىرىقى ئىككى پارچە ئەسىرىدىنباشقا «كۆپئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشرىتسىپلىرى«داۋالاش قانونلىرىدىن خۇلاسە» قاتارلىقئەسەرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى , بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۆز قولىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىئاشكارىلىدى . بۇ بىر يېڭى نەتىجە سۈپىدىدە ئۇيغۇر تىبابەت تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن ئىگەللەيدۇ .
ئالىمنىڭ «ئەلغىقھۇ تىببىيە » (تىبابەت قانونلىرى)ناملىق ئەسىرىنى مەرھۇمتۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم مىراس سۈپىدىدە ساقلاپ كەلگەن بولۇپ , ئۇنى 1950-يىللىرى ئۋپچ ۋرىسىدە مەرھۇم تىببىي ئالىم ئابدۇلھىمىت يۈسۈف ھاجىغا كۆرسەتكەن . ئۇزاقئۆتمەي باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىگە كەلگەندە تۇردىمۇھەممەت ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىدىكى كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەر كۆيدۈرۈلگەن , شۇلارقاتارىدا«ئەلغىقھۇ تىببىيە»مۇ يوقاپ كەتكەن . بىر قانچە قىتىملىق كۆيدۈرۈشيتىن ساقلىنىپ قالغان قىسمەن ئەسەرلەرنى بولسا تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇمۋاپات بولۇشىدىن بىر-ئىككى يىل ئىلگىرى كۈيئوغلى باقى ئالىمغا كۆمۈپ قويغانجايىدىن ئېلىپ بەرگەن .ھازىر ئۇنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتىدۇ .
ئالىمئەلائىدىدىن مۇھەممەت خوتەنىنىڭ ھاياتىي پائالىيىتى ھەققىدە يېزىلغان مۇناسىۋەتلىكماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئۇنىڭ 1222-يىلى ۋاپات بولغان دىگەنلەر خاتىرلىنىپ كەلگەن . بۇ قاراش مەيلى ئابدۇلھېمىت يۈسۈف ھاجىنىڭماقالە – ئەسەرلىرىدە بولسۇن ۋە مەيلى ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «داغ» رومانىدا بولسۇن بىردەك ھۆكۈم سۈرۈۋاتىدۇ . لېكىن تارىخنىئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق ,ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە يىلنامىسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تېزلا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايمىز .
كۆپچىلىككەمەلۇم بولغىنىدەك , كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئالىمنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە ئېنىڭ يىلنامە يوق . پەقەت ئۇنى كۈچلۈكنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى سۆزلىنىدۇ . بىز كۈچلۈكنىڭ ھايات خاتىرىسىيېزىلغان ئەسەرلەردە جۈملىدىن ۋ.ۋ.باتولدىنىڭ «يەتتە سۇ تارىخيئوچىرىكلىرى» ناملىق كىتابى ۋە ئابلەت نۇرغۇن ئەپەندىنىڭ «غەرىبىييۇرتنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش » ناملىق كىتابلىرىدە بىردەك كۈچلۈكنىڭ مۇڭغۇللار بىلەن ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ قاچقانلىقى , شۇنداقلاپامىردىكى سارقۇم دىگەن جايدا كاللىسىنىڭ ئېلىنغانلىقى , بۇ ۋاقىتنىڭ 1218يىللىرىئىكەنلىكى ھەققىدە قاراشلار نى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز . بولۇپمۇ «يەتتە سۇ تارىخىنىڭ ئوچىرىكلىرى» ناملىق كىتابتا بۇ ھەقتە خېلى تەپسىلىمەلۇمەتلار خاتىرخاتىرلەنگەن , شۇ سەۋەبتىن بىز كۈچلۈكنىڭ ئەللامە ئەلائىددىنمۇھەممەت خوتەنىنى ئۆلتۈرگەن ۋاقىتنىڭ 1222-يىلى ئەمەس , بەلكى 1218-يىلىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ دەپ قارايمىز . بۇ ھەقتە ئېنىق بىر يىلنامىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدىنىش زۆرۈز ئەلۋەتتە.


 

::ئالبومىنى بىسىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ:: تېخىمۇ كۆپ ئالبوملار>>
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ